Chinese→Uyghur主要词典
朱蒙
دۇنيا تارىخى
جۇمېڭ
چاۋشىيەن رىۋايەتلىرىدىكى كوگۇريو دۆلىتىنى قۇرغۇچى. <پادىشاھ گۋاڭگا ئېتىئونىڭ قەبرە تېشى> دىكى ئويمىدا زوئۇموۋ دېيىلگەن. بۇ رىۋايەت <ئۈچ پادىشاھلىق تەزكىرىسى>، <ئۈچ پادىشاھلىق تارىخىدىن خاتىرە>، <شەرقىي پادىشاھلىقتىكى باش ۋەزىر لى ھەققىدە>، <ئۈچ پادىشاھلىقتا بولغان ئىشلار> دېگەن كىتابلارغا يېزىلغان. رىۋايەت قىلىنىشىچە: پادىشاھ فۇيۈك خېبونىڭ قىزىنىڭ دىدىكى لياۋخۋانى بىر ئۆيگە سولاپ قويۇپتۇ، ئۇ قۇياش نۇرىدا ھامىلدار بولۇپ، ئوغۇل تۇغۇپتۇ، ئۇ بالىلىق چېغىدىلا ئۇستا مەرگەن بوپتۇ، فۇيۈكلەرنىڭ ماقال - تەمسىللىرىدە ئۇستا مەرگەن دېگەن جۇمېڭ دەپ ئاتىغاچقا، مۇشۇ نام بىلەن ئاتىلىپتۇ. ئۇ چوڭ بولغاندا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقتىن، فېيلىيۇ دەرياسى (ھازىرقى يالۇجياڭ دەرياسىنىڭ بىر ئېقىمى بولغان تۇڭجياجياڭ دەرياسى) ئەتراپىغا قېچىپ كېتىپتۇ. ئۇ مىلادىدىن 37 يىل ئىلگىرى (خەنيۇەندېنىڭ جيەنجاۋ ئىككىنچى يىلى) گۇچېڭ (ھازىرقى لياۋنىڭ ئۆلكىسى خېڭ رېن ناھىيىسى ئۇنۈشەن بازىرى) دا كوگۇريو دۆلىتىنى قۇرغان. مىلادىدىن 19 يىل ئىلگىرى ئۆلگەن. نامى شەرقتىكى دانا پادىشاھ دەپ ئالغان. چاۋشىيەندە قەدىمكى زاماندا جۇمېڭنى دۆلەت قۇرغۇچى ئۇلۇغ بوۋا دەپ ئاتاپ، پخىنياندا شەرقتىكى دانا پادىشاھ دەپ ئاتالغان. چاۋشيەندە قەدىمكى زاماندا جۇمېڭنى دۆلەت قۇرغۇچى ئۇلۇغ بوۋا دەپ ئاتاپ، پخىنياندا شەرقتىكى دانا پادىشاھ ئىبادەتخانىسىنى ياساپ، ھەر يىلى نەزىر - چىراغ ئۆتكۈزگەن.