Chinese→Uyghur主要词典
猪带绦虫
بىئولوگىيە
چوشقا سولىتراسى
تاسما قۇرتلار سىنىپىنىڭ لېنتىسىمان قۇرتلار ئائىلىسىگە كىرىدۇ. يېتىلگەن قۇرت ئاق سۈت رەڭ، لېنتىسىمان، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 2 - 4 مېتىر، باش بوغۇم، بويۇن قىسمى ۋە بوغۇملار دەپ ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنىدۇ. باش قىسمى يۇمىلاق، دىئامېتىرى تەخمىنەن بىر مىللىمېتىر، ئالدىنقى تەرەپ مەركىزى سەل تومپىيىپ چىققان بولۇپ، چوققا ئۆسۈكى دېيىلىدۇ. چوققا ئۆسۈكىدە ئىككى چەمبىرەك مۈڭگۈز ماددىلىق ئىلمەكلىرى بولغاچقا <ئىلمەكلىك سولىترا> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. باش بوغۇمىنىڭ تۆت تەرىپىنىڭ ھەرقايسىسدا بىردىن مۇسكۇللۇق شورىغۇچ تەخسىسى، جەمئىي 700 - 1000 بوغۇمى بولىدۇ. ئاخىرقى ئۇچىدىكى بوغاز بوغۇملارنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 10 مىللىمېتىر بولۇپ، كۆپىنچە بىر قانچە بوغۇملار بىر ۋاقىتتا ئاجرىلىدۇ. چوشقا سولىتراسىنىڭ بىردىنبىر ئاخىرقى پارازىت خوجايىنى ئادەم بولۇپ، ئادەمنىڭ ئىنچىكە ئۈچىيىدە پارازىتلىنىدۇ. ئۇ فىنوز كېسىلىنى قوزغايدۇ. ئۇنىڭ ئارىلىق خوجايىنى چوشقا بولۇپ، قۇرت تۇخۇمى ئوزۇقلۇق بىلەن بىللە چوشقىنىڭ ھەزىم قىلىش يولىغا كىرگەندىن كېيىن، لىچىنكىلار ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقىنىڭ رولى بىلەن شاكالنى يېرىپ چىقىدۇ ۋە چوشقىنىڭ مۇسكۇل توقۇلمىسى، جىگەر، مېڭە قاتارلىق ئورگانلىرىدا يېتىلىپ ئاق كۆپۈكچىسىمان فىنكىلارغا (سىستىتسېر كۆز) ئايلانغاندىن كېيىن، قايتا تەرەققىي قىلمايدۇ. فىنكىسى بولغان چوشقا گۆشى ئادەتتە <فىننوزلۇق چوشقا گۆشى> دېيىلىدۇ. ئەگەر ئادەملەر يەۋالسا يۇقۇملىنىپ تاسما قۇرت كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ. فىنكىلار ئادەمنىڭ يۈرەك مۇسكۇلى، مېڭىسى، كۆزى قاتارلىق ئورۇنلىرىدىمۇ پارازىت ياشاپ ئادەملەردە خالتا قۇرت كېسىلىنى پەيدا قىلىدۇ.