Uyghur←Chinese主要词典
ژورېس
دۇنيا تارىخى
饶勒斯
ráo lè sī
(1859 - 1914) فرانسىيە سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى. تارىخشۇناس، پەيلاسوپ. 1881 - يىلى پارىژ ئالىي پىداگوگىكا ئالىي مەكتىپى پەلسەپە فاكولتىتىنى پۈتتۈرۈپ، ئالىي ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ پەلسەپە ئوقۇتقۇچى بولغان؛ 1883 - يىلى تولۇس داشۆسىدە لىكتور بولغان. 1885 - يىلى پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلانغان. 1889 - يىلغا كەلگەندە پارلامېنت ئەزالىقىدىن قېپقېلىپ، تۇلۇس داشۆسىنىڭ پروفېسسورى بولغان ھەمدە دوكتورلۇق ئىلمىي ماقالىسى <دۇنيانىڭ رىئاللىقىنى ھېس قىلش> نى يازغان.1890 - يىلى سوتسىيالىزمغا ئىتىقاد قىلىدىغانلىقىنى ئاشكارا جاكارلىغان. 1893 - يىلى قايتىدىن پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلانغان.1899 - يىلى مىللېراندنى قوللاپ ئىچكى كابىېنتقا كىرگەن. 1901 - يىلى ئۇنىڭ باشچىلىقىدا فرانسىيە سوتسىيالىستلار پارتىيىسى قۇرۇلغان. 1902 - يىلى يەنە پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلانغان. ئىككىنچى يىلى ئاۋام پالاتاسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان. 1904 - يىلى فرانسىيە سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ ئورگان گېزىتى <يومانتى گېزىتى> نى تەسىس قىلغان. 1905 - يىلى فرانسىيە سوتسىيالىستلار پارتىيسى گېئودې ۋە لافارگ رەھبەرلىكىدىكى فرانسىيە سوتسىيالىستلار پارتىيىسى بىلەن بىرلىشىپ فرانسىيە بىرلىككە كەلگەن سوتسىيالىستلار پارتىيسى (ئىشچىلار ئىنتېرناتسىئونالى فرانسىيە ياچېيكىسى) بولغان ھەمدە مەزكۇر پارتىيىنىڭ تەسىر كۈچىگە ئىگە رەھبىرىگە ئايلانغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلاشتىن ئىلگىرى مۇستەملىكىچىلىك كېڭەيمىچىلىككە، مىلىتارىستلىق ۋە جاھانگىرلىك ئۇرۇشقا قەتئىي قارشى تۇرغان. 1914 - يىل 7 - ئاينىڭ 31 - كۈنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەن. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن <سوتسىيالىستىك فرانسىيە ئىنقىلابىي تارىخى>، <سوتسىيالىزم تەتقىقاتى>، <پارلامېنتتا سۆزلىگەن نوتۇقلار توپلىمى> ۋە <ژورېس ئەسەرلىرى> قاتارلىقلار بار.