Chinese→Uyghur主要词典
种子植物门
بىئولوگىيە
ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى
ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسىدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر چوڭ تىپ. ئۇ يالىڭاچ ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر بىلەن يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالدىۇ. ئۇنىڭ باشقا ئۆسۈملۈكلەردىن پەرق قىلىدىغان ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكى، ئۇ ئۇرۇق ئارقىلىق كۆپىيىدۇ. ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر بۇرۇن روشەن گۈللۈك ئۆسۈملۈك (phanerogam) ياكى گۈللۈك ئۆسۈملۈك (flowering blants) دەپ ئاتىلىپ كەلگەن. ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر ئىچىدىكى يالىڭاچ ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەردە ھەقىقىي گۈل يېپىنچىسى بولمايدىغانلىقتىن، روشەن گۈللۈك ئۆسۈملۈك ياكى گۈللۈك ئۆسۈملۈك دېگەن بۇ ئىسىم ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكنى تولۇق ئىپادىلەپ بېرەلمەيدۇ، شۇڭا ئۇنى ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈك دەپ ئاتاش مۇۋاپىق كېلىدۇ. يالىڭاچ ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈك بىەلن يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر ئوتتۇرىسىدا ناھايىتى زور پەرق بولغاچقا، ھازىرقى زاماندىكى بىر قىسىم بوتانىكلار ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر دېگەن ئاتالغۇنى قوللانماي، يالىڭاچ ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈك بىلەن يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكنىڭ ھەرقايسىسىنى مۇستەقىل بىر تىپ دەپ قاراۋاتىدۇ.