Chinese→Uyghur主要词典
中央条约组积
دۇنيا تارىخى
مەركىزىي شەرتنامە تەشكىلاتى
ئەسلى 1955-يىلى قۇرۇلغان باغداد شەرتنامىسى تەشكىلاتى ئىدى. 1959-يىل 8-ئاينىڭ 19-كۈنى نامى ھازىرقىغا ئۆزگەرتىلگەن. ئەزا دۆلەتلەر تۈركىيە، ئەنگلىيە، ئىران ۋە پاكىستان، ئەڭ ئالىي ئورگىنى دائىمىي ھەيئەتلەر يىغىنى. ئامېرىكا شەرتنامىغا ئىمزا قويمىغان دۆلەت بولسىمۇ، لېكىن 1959-يىلى 3-ئايدا ئايرىم - ئايرىم تۈركىيە، ئىران ۋە پاكىستان بىلەن مەزمۇنى ئوخشاش بولغان قوش تەرەپلىك مۇداپىئە كېلىشىمى تۈزگەچكە بۇ تەشكىلاتتا رەسمىي ئەزالىق ئورۇندىن بەھرىمەن بولۇپ، دائىمىي ھەيئەتلەر يىغىنىغا قاتناشقان. 1979-يىلى 3-ئايدا، ئىران، پاكىستان، تۈركىيە ئىلگىرى - كېيىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى جاكارلىغان. شۇ يىلى 4-ئايدا بۇ تەشكىلات يىغىن ئۆتكۈزۈپ، يىغىنغا قاتناشقان ئامېرىكا، ئەنگلىيە، پاكىستان، تۈركىيە ۋەكىللىرى بۇ تەشكىلاتنىڭ 1979-يىل 9-ئاينىڭ 82-كۈنى رەسمىي تارقىلىپ كېتىدىغانلىقىنى قارار قىلغان.