Chinese→Uyghur主要词典
中非联邦
دۇنيا تارىخى
ئوتتۇرا ئافرىقا فېدېراتسىيىسى
رودېزىيە - نىياسالېند فېدېراتسىيىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئەنگلىيە دومىنىئونى. يېرىم دومىنىئون - جەنۇبىي رودېزىيە (ھازىرقى زىمبابۇۋى) ۋە ھامىيلىقتىكى دۆلەت شىمالىي رودېزىيە (ھازىرقى زامبىيە) ھەمدە نىياسالېند (ھازىرقى مالاۋى) دىن تەركىب تاپقان. 1953 - يىلى رەسمىي قۇرۇلغان. <فېدېراتسىيە ئاساسىي قانۇنى> غا ئاساسەن، ئۈچ دۆلەت يەنىلا فېدېراتسىيىدىن بۇرۇنقى ئورۇننى ساقلاپ قالغان. ئەنگلىيە كورۇلىۋاسى بىر نەپەر باش ۋالىي ئەۋەتىپ سىرتقى مۇناسىۋەت، دۆلەت مۇداپىئەسى، ئىقتىساد، مالىيە ۋە قاتناشنى باشقۇرغان. ئۈچ دۆلەت خەلقىنىڭ قاتتىق قارشى تۇرۇشى ئارقىسىدا، 1963 - يىلى تارقىتىلغانلىقىنى جاكارلاشقا مەجبۇر بولغان.