Chinese→Uyghur主要词典
执政官
دۇنيا تارىخى
ھاكىم
(1) <ئارخون>. قەدىمكى يۇنان شەھەر دۆلەتلىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشلىقى. ئافىنادا، تەخمىنەن مىلادىدىن 683 يىل ئىلگىرى <پادىشاھلىق ھاكىمىيەت> بىكار قىلىنىپ، ئىككىنچى يىلى ئاقسۆڭەكلەر ئارىسىدىن ھاكىم سايلىنىپ، ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بىر يىلى قىلىپ بەلگىلەنگەن، دەسلەپتە ئۈچ كىشى، كېيىن كۆپەيتىلىپ توققۇز كىشى بولغان، بۇلار: باش ھاكىم (يىلنامە ئەمەلدارى) ئۇنىڭ ئىسمى شۇ يىلنىڭ نامى قىلىنىپ، دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشلىرىنى باشقۇرغان ھەمدە دۆلەت ئىشلىرىغا نازارەت قىلغان. يەنە بەزى تەبرىكلەش مۇراسىملىرىنى باشقۇرغان؛ ئىككىنچى ھاكىم باسىلېۋس دىننى باشقۇرغان، دىنىي دېلولارنى سورىغان ھەمدە ئۇرۇقلارنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرغان، يەنە ئاقسۆڭەكلەر كېڭىشىگە رەئىسلىك قىلغان؛ ئۈچىنچىسى، ھەربىي ھاكىم بولۇپ، ئۇ ھەربىي ئىشلارنى باشۇرغان، قوشۇمچە دىپلوماتىيە ئىشلىرىنىمۇ باشقۇرغان؛ قالغان ئالتىسى ئەدلىيە ھاكىمى بولۇپ، بۇلار پەۋقۇلئاددە سوت تەشكىل قىلىپ، زور ئەنزىلەرنى سورىغان ئادەتتە، ھاكىم ۋەزىپىسىدىن قالغاندىن كېيىن ئاقسۆڭەكلەر كېڭىشىگە قاتناشقان. پۇقرالارنىڭ ئاقسۆڭەكلەرگە قارشى كۈرىشىنىڭ غەلبىسىگە ئەگىشىپ، پۇقرالارمۇ چەك تارتىپ سايلىنىدىغانب ولغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىردىن Ⅴ ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە ئافىنا ھاكىمىنىڭ خېلى زور ھوقۇقى بولغان، گرېتسىيە - پېرسىيە ئۇرۇشى (مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅴ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمى) دا ئۇنىڭ ھوقۇقىنى بارا - بارا ئون سەردار كېڭىشى ئىگىلىگەن. ئۇنىڭدىن كېيىن، بەزى دىنىي ۋە ئەدلىيە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش بىلەنلا چەكلەنگەن. رىم يۇنانغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان (مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅱ ئەسىر) دىن كېيىن ھاكىم داۋاملىق مەۋجۇت بولغان. (2) <كونسۇل>. قەدىمكى رىم جۇمھۇرىيىتى (مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىردىن Ⅰ ئەسىرگىچە) نىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى. <پادىشاھلىق ھاكىمىيەت> ئاخىرلاشقان (تەخمىنەن مىلادىدىن 509 يىل ئىلگىرى) دىن باشلاپ سېنتورىيىلەر (100 كىشىلىك كېڭەش) قۇرۇلتىيى ھەر يىلى ئىككى ئادەمنى سايلاپ، ۋزىپە ئۆتەش ۋاقتىنى بىر يىل قىلىپ بەلگىلىگەن، ئىككى كونسۇلنىڭ ئىسمى شۇ يىلنىڭ نامى قىلىنغان. كونسۇل ھەربىي ۋە مۈلكىي چوڭ ھوقۇقنى ئۆز قولىدا تۇتقان، ئۇرۇش ۋاقتىدا ئارمىيىگە قوماندانلىق قىلغان، مەمۇرىي ئىشلار جەھەتتە، سېنات ۋە خەلق قۇرۇلتىيىنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭغا رىياسەتچىلىك قىلىشقا مەسئۇل بولۇپ، قانۇن لايىھىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان، سايلامغا رەھبەرلىك قىلغان، ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى ئىجرا قىلغان ۋە باشقىلار. سەپەرگە چىققاندا، مۇرىسىگە فاشىست تايىقىنى قويۇۋالغان 12 نەپەر لېكتور (ھۆرمەت قاراۋۇلى، ياساۋۇل) ھەمراھ بولغان. دەسلەپتە ئۇنى ئاقسۆڭەكلەر تەنھا ئىگىلىۋالغان، مىلادىدىن 366 يىل ئىلگىرىدىن باشلاپ، پۇقرالاردىن بىر ئادەم سايلىنىدىغان بولغان. ئىش ھەققى يوق بولۇپ، ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى توشقاندا كېيىن، سېناتقا قاتناشقان. ئىمپېرىيە تۈزۈمى ئورنىتىلغان (مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅰ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمى) دىن كېيىن ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى مۇقىم بولماي ئىسمى بار، جىسمى يوق بولۇپ قالغان.
ئۇنىۋېرسال
zhí zhèng guān
كونسۇل