Chinese→Uyghur主要词典
制宪会议
قانۇن
zhì xiàn huì yì
ئاساسىي قانۇن تۈزۈش يىغنى
دۇنيا تارىخى
ئاساسىي قانۇن تۈزۈش يىغىنى
ئامېرىكىنىڭ يېڭى ئاساسىي قانۇن تۈزۈش يىغىنى. 1787-يىل 5-ئاينىڭ 25-كۈنى فىلادېلفىيە شەھىرىدە چاقىرىلغان بولۇپ، شتاتلار بىرلەشمىسى ھۆكۈمىتىنى ئىسلاھ قىلىپ، ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغان. ھەر قايسى شتاتلاردىن جەمئىي 55 ۋەكىل قاتناشقان، كەسكىن تالاش - تارتىش ئارقىلىق، 9-ئاينىڭ 17-كۈنى خامىلتون ۋە مادىسون قاتارلىق كىشىلەر تەييارلىغان قوشما شتات ئاساسىي قانۇنى ماقۇللانغان. 1788-يىلى 6-ئايدا كۈچكە ئىگە بولغان. ئاساسىي قانۇندا: شتاتلار بىرلەشمىسى ھۆكۈمىتى قوشما شتاتلار ھۆكۈمىتىگە ئۆزگەرتىلىپ، ھوقۇق مەركەزگە مۇجەسسەملەشتۈرۈلىدۇ؛ دۆلەت مەمۇرىي، قانۇن چىقىرىش ۋە ئەدلىيىدىن ئىبارەت ئۈچ ھوقۇقنى ئايرىپ باشقۇرۇشنى يولغا قويىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. ئاساسىي قانۇن دېموكراتىيىنى شەكىل، قانۇننى ۋاسىتە قىلىپ، بۇرژۇئازىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەمھكەملىگەن. بۇ ئاساسىي قانۇن بىر قانچە قېتىملىق تۈزىتىشلەر ئارقىلىق تا ھازىرغا قەدەر قوللىنىلماقتا.