Chinese→Uyghur主要词典
植物生理学
بىئولوگىيە
ئۆسۈملۈكلەر فىزىئولوگىيىسى
ئۆسۈملۈكلەر ھاياتلىق ھەرىكىتىنىڭ قانۇنىيىتىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن. ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ھاياتلىق ھەرىكىتى ئاساسەن ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئوزۇقلىنىشى ۋە ماددا ئالماشتۇرۇشى، ئۆسۈشى ۋە يېتىىشى، ئىرسىيەت ۋە ئۆزگىرىش قاتارلىق جەھەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ھاياتلىق ھەرىكىتى ئۇ ئۆزى تۇرغان مۇھىتقا زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. ئۆسۈملۈكلەر فىزىئولوگىيىسىنىڭ ۋەزىپىسى ئۆسۈملۈكلەر تېنى ئىچىدىكى ھەر خىل ماددا ئالمىشىش جەريانى، ھۈجەيرە توقۇلما، ئورگان ۋە خىمىيىلىك ماددىلارنىڭ فىزىئولوگىيىلىك فۇنكىسىيىسى ھەمدە ئۆسۈملۈكلەر تېنىنىڭ مۇھىتنىڭ ئۆزەىرىشىگە بولغان قانۇنىيەتلىك ئىنكاسىنى شەرھلەپ، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈش ۋە يېتىلىشىنى نىشانلىق كونترول قىلىپ، ئۆسۈملۈك مەھسۇلاتلىرىنىڭ مىقدارى ۋە سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئىنسانلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتىن ئىبارەت. ئۆسۈملۈكلەر فىزىئولوگىيىسى يېزا ئىگىلىك، ئورمانچىلىق ۋە باغۋەنچىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ئەمەلىيىتى جەريانىدا بارلىققا كەلگەن ۋە تەرەققىي قىلغان. ئۇ ئۆسۈملۈك ئۆستۈرۈش، ئىرسىيەتلىك ئۇرۇق تاللاش، ئۆسۈملۈكلەر پاتولوگىيىسى، يېزا ئىگىلىك خىمىيىسى، مېۋە ۋە كۆكتاتلارنى ساقلاش قاتارلىقلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، شۇنداقلا دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، باغۋەنچىلىك، ۋە بىئودورىگەرلىك قاتارلىقلارنىڭ نەزەرىيىۋى ئاساسى.
دېھقانچىلىق,ئۆسۈملۈك,مائارىپ
zhí wù shēng lǐ xué
ئۆسۈملۈك فىزىئولوگىيىسىDئۇنىۋېرسال
zhí wù shēng lǐ xué
ئۆسۈملۈك فىزىئولوگىيىسى