Chinese→Uyghur主要词典
植物人工气候室
بىئولوگىيە
ئۆسۈملۈك سۈنئىي كىلىماتخانىسى
تەجرىبىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، تەبىئىي شارائىتقا تەقلىد قىلىش ئارقىلىق ئۆسۈملۈكنىڭ نورمال ئۆسۈپ يېتىلىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، ئۆسۈملۈك ئۆستۈرىدىغان بىرخىل سۈنئىي ئىنشائات. ئۆسۈملۈك سۈنئىي كىلىماتخانىسىنىڭ يورقلۇق، تېمپېراتۇرا، نىسىپىي نەملىك قاتارلىق شارائىتلىرىنى سۈنئىي تىزگىنلەش ئارقىلىق مۇھىت شارائىتىنى بەلگىلىك دائىرە ئىچىدە ئۆزگەرتىپ، بىر ياكى بىرقانچە شارائىتنىڭ ئۆسۈملۈكنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە بولغان تەسىرىنى تەتقىق قىلىشقا، ھەمدە ئۆسۈملۈك تەبىئىي شارائىت ئاستىدا ئېرىشەلمەيدىغان ئەڭ ئەلا شارائىت ئارقىلىق ئۆسۈملۈك ئۆستۈرۈش ئۈستىدە ئىزدىنىشكە بولىدۇ. 1949 - يىلى 6 - ئايدا پاساكاناكا شتاتى تەبىئىي پەنلەر ئىنستىتۇتىنىڭ ئارخات ئۆسۈملۈكلەر تەتقىق قىلىش تەجرىبىخانىسىدا تۇنجى سۈنئىي كىلىماتخانا قۇرۇلغاندىن تارتىپ، نۆۋەتتە ئەنگلىيە، يۇگوسلاۋىيە ۋە روسىيە فېدېراتسىيىسى قاتارلىق دۆلەتلەردە چوڭ - كىچىكلىكى ۋە شەكلى ئوخشاش بولمىغان سۈنئىي كىلىماتخانىلار قۇرۇلدى. ھازىر دۇنيا بويىچە 20 دىن ئارتۇق سۈنئىي كىلىماتخانا بار. 50 - يىللاردا جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى شاڭخەي ئۆسۈملۈكلەر فىزىئولوگىيىسى تەتقىقات ئورنىمۇ كۆلىمى چوڭ بولغان سۈنئىي كىلىماتخانا قۇرغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان سۈنئىي كىلىماتخانا ئۆسۈملۈك ئۆستۈرۈشكىلا ئىشلىتىلىپ قالماي، بەلكى كەڭ كۆلەمدە بارلىق بىئولوگىيە پەنلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلىۋاتىدۇ، شۇڭا ئۇ جانلىقلار كىلىماتخانىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.