Chinese→Uyghur主要词典
植物胚胎学
ئۆسۈملۈك
zhí wù pēi tāi xué
ئۆسۈملۈك ئېمبرىئولوگىيىسى
بىئولوگىيە
ئۆسۈملۈكلەر ئېمبرىئولوگىيىسى
يۇقىرى دەرىجىلىك ئۆسۈملۈكلەرنىڭ جىنىسلىق كۆپىيىش جەريانىدىكى مورفولوگىيىلىك ھاسىل بولۇش قانۇنىيىتىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن. ئۇ كىچىك سپورا، ئاتىلىق گامېتوفىن بىلەن ئانىلىق گامېتىنىڭ ھاسىل بولۇشى، ئۇرۇقلىنىش جەريانى، تۆرەلمە سۈتىنىڭ ھاسىل بولۇشى، تۆرەلمىنىڭ ھاسىل بولۇشى ھەمدە قوشۇلماي تۇرۇپ كۆپىيىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇ تەتقىقات ئوبيېكىتىغا ئاساسەن، يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر ئېمبرىئولوگىيىسى، يالىڭاچ ئورۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر ئېمبرىئولوگىيىسى، قاناللىق ئۆسۈملۈكلەر ئېمبرىئولوگىيىسى قاتارلىقلارغا بۆلۈنىدۇ. تەتقىق قىلىش ئۇسۇلى ۋە مەقسىتىگە ئاساسەن (1) تەسۋىرىي ئېمبرىئولوگىيە (جىنىسلىق كۆپىيىشنىڭ ھەر قايسى باسقۇچلىرى ئۈستىدە كۆزىتىش ۋە تەسۋىرلەش ئېلىپ بارىدۇ)؛ (2) سېلىشتۇرما ئېمبرىئولوگىيە (ھەر قايسى تۈردىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ كۆپىيىش جەريانىدىكى ئوخشاشلىق ۋە ئوخشىماسلىقلارنى سېلىشتۇرپ، ئۇلارنىڭ ئورۇق - تۇغقانلىق مۇناسىۋىتى ۋە ئۆزگىرىش قانۇنىيىتىنى چۈشەندۈرىدۇ)؛ (3) تەجرىبە ئېمبرىئولوگىيىسى (تەجرىبە ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، بولۇپمۇ تەندىن ئايرىپ ئۆستۈرۈش تېخنىكىسى ئارقىلىق كۆپىيىش جەريانىنى تەتقىق قىلىدۇ ۋە تىزگىنلەيدۇ. مەسىلەن، گۈل چېڭىنى ئۆستۈرۈش، ئۇرۇقدان ۋە تۆرەلمە تۈگۈنىنى ئۆستۈرۈش، پروبىركىدا ئۇرۇقلاندۇرۇش، تۆرەلمە سۈتىنى ئۆستۈرۈش، تۆرەلمىنى ئۆستۈرۈش، قوشۇلماي تۇرۇپ كۆپىيىشكە يېتەكلەش ...) قاتارلىقلارغا بۆلۈنىدۇ.