Chinese→Uyghur主要词典
植物的营养繁殖
بىئولوگىيە
ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ۋېگېتاتىۋلىق كۆپىيىشى
ئومۇمەن ئۇرۇق ئارقىلىقمۇ جىنسىي ھۈجەيرىلەرنىڭ قوشۇلۇشى ئارقىلىقمۇ كۆپەيمەي، يېڭى يەككە تەنچىنى ھاسىل قىلىش ۋېگېتاتىۋلىق كۆپىيىش دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن، ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىز، غول، يوپۇرماق ياكى تەڭگىچە غول قاتارلىق مەلۇم ئالاھىدە ئورگانلارنىڭ يېڭى ئۆسۈملۈك تۈپىنى ھاسىل قىلىشى. ئۆسۈملۈكلەر جىنسلىق كۆپەيگەندە كېيىنكى ئەۋلادىدا ئۆزگىرىش يۈز بېرىدىغانلىقتىن، ئەجدادىغا ئوخشاش سورتقا ئىگە بولغىلى بولمايدۇ، ھالبۇكى ۋېگېتاتىۋلىق كۆپەيگەندە ئەۋلادى ئەجدادىنىڭ ئەلا سورتلۇق خۇسۇسىيىتىنى ساقلاپ قالىدۇ. ۋېگېتاتىۋلىق كۆپىيىشتە، ئاساسەن ھۈجەيرىنىڭ يىپلىق بۆلۈنۈشى ئىندۇكسىيىلىنىپ تۇراقسىز يىلتىز، تۇراقسىز بىخ ياكى جاراھەت ساقايتقۇچى توقۇلما ھاسىل قىلىپ قايتا ئۆسۈپ يېڭى ئۆسۈملۈك تۈپىگە ئايلىنىدۇ؛ ھۈجەيرىنىڭ بۆلۈنۈشى ۋە دىففېرېنسىيىلىنىشى جەريانىدا بالا ھۈجەيرە پۈتۈنلەي ئانا ھۈجەيرىدىن نۇسخا ئالىدىغانلىقتىن، بالا ھۈجەيرىنىڭ خروموسوما سانى ۋە تەركىبىدە ئۆزگىرىش بولمايدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئەسلىدىكى ئىرسىيە گېنى ساقلىنىپ قالىدۇ، نەتىجىدە جىنسىز سىستېمىدا بېكىتىلگەن سىتولوگىيىلىك ئاساسنى ساقلاپ قالغىلى ۋە ئېرىشكىلى بولىدۇ. تەبىئەت دۇنياسىدا كۆپلىگەن ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يىلتىز، غول ياكى يوپۇرمىقى ئۆزلۈكىدىن ئانا تېنىدىن تۆكۈلۈپ يېڭى ئۆسۈملۈك تۈپىگە ئايلىنىدۇ، بۇ تەبىئىي ۋېگېتاتىۋلىق كۆپىيىش دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، سۈنئىي ئۇسۇلدا ئۆسۈملۈكنىڭ بىر قىسىم ۋېگېتاتىۋلىق ئورگانلىرىنى ئانا تېنىدىن ئايرىۋېلىپ ئۆستۈرۈپ يېڭى ئۆسۈملۈك تۈپىگە ئايلاندۇرۇلىدۇ، بۇ سۈنئىي ۋېگېتاتىۋلىق كۆپىيىش دەپ ئاتىلىدۇ. كىشىلەر ئەلىمىساقتىن تارتىپ ۋېگېتاتىۋلىق كۆپىيىشنى يېزا ئىگىلىك، ئورمانچىلىق، باغۋەنچىلىك ۋە گۈل - گىياھلارنى ئۆستۈرۈشتە كەڭ قوللىنىپ كەلمەكتە. مەسىلەن، دائىم قوللىنىلىدىغان سۈنئىي ۋېگېتاتىۋلىق كۆپەيتىش ئۇسۇللىرىدىن قەلەمچە تىكىش، يوپۇرماق تىكىش، يىلتىز تىكىش، نوتا كۆمۈش، ئۇلاش ۋە يالغۇز بىخنى تىكىش قاتارلىقلار ئارقىلىق يەككە تەنىنى كېڭەيتىش، ساپ سورتنى كېڭەيتىش، ئۆسۈش ۋاقتىنى قىسقارتىش، چېچەكلەپ مېۋە بېرىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، كۆپەيگۈچى تەنچىنىڭ ئەسلىدىكى ئەلا سورتلۇق خۇسۇسىيىتىنى ساقلاش قاتارلىقلار (ۋېگېتاتىۋلىق كۆپىيىشكە قاراڭ).