Chinese→Uyghur主要词典
质膜
ئادەم ئاناتومىيىسى,دېھقانچىلىق
zhì mó
پلازما پەردىسىDتېببىي
zhì mó
پلازما پەردىسى، پلازما قېپىDئۇنىۋېرسال
zhì mó
پلازما پەردە
بىئولوگىيە
پلازما پەردىسى
<ھۈجەيرە پەردىسى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ھۈجەيرىنىڭ سىرتقى يۈزىنى تۈزگۈچى مۇھىم قىسمى بولۇپ، ستوپلازمىنىڭ سىرتقى قەۋىتىدىن دىففېرېنسىيىلىنىدۇ. قېلىنلىقى تەخمىنەن 100 A - 60 كېلىدۇ، ئاساسەن ياغ ۋە ئاقسىل مولېكۇلىلىرىدىن تۈزۈلىدۇ. ئېلېكترونلۇق مىكروسكوپتا ئۇنىڭ ياپىلاق كەسمىسىنىڭ ئۈچ قەۋەتلىك تۈزۈلۈشىنى كۆرۈشكە بولىدۇ، ئچىكى - سىرتقى ئىككى قەۋىتى ئوسمىيغا مايىللىقى كۈچلۈك بولغان ئاقسىللىق قەۋەت، ئوتتۇرىسىدىكى بىر قەۋىتى ئوسمىيغا مايللىقى ئاجىز بولغان مايلىق قەۋەتتىن ئىبارەت. كىشىلەر ئېلېكترونلۇق مىكروسكوپتا كۆرۈنگەن بۇ خىل تۈزۈلۈشنى بىرلىك پەردە دەپمۇ ئاتىدى. پلازما پەردىسىنىڭ مولېكۇلىلىق تۈزۈلۈشى قوش مايىللىق ماي مولېكۇلىلىرىدىن بولۇشى مۇمكىن، ئۇنىڭ مايغا مايىل بولغان گىدروكسىللىق قۇيرۇق قىسمى نىسپىي ھالدا رەتلىك تىزىلىپ ئىككى قەۋەتنى ھاسىل قىلىدۇ. شارسىمان ئاقسىل مولېكۇلىلىرى قەۋەتنىڭ سىرتى (سىرتقى ئەتراپ ئاقسىلى) غا، قەۋەت ئىچىگە، قەۋەت ئارىلىقلىرىغا تارقالغان ياكى پۈتۈن پەردىدىن ھالقىپ ئۆتكەن (ئىچكى ئاقسىل)، ھەمدە سىممېترىيسىز بولىدۇ. ماي مولېكۇلىلىق قەۋىتى ھەرىكەتلىنىەلىگەنلىكتىن، ئاقسىل مولېكۇلىلىرى قەۋەت ئىچىگە سىلجىيالايدۇ، شۇڭلاشقا ئۇنىڭ تۈزۈلۈشى يەنە سۇيۇق ھالەتتە كىرىشكەن دەپ ئاتىلىدۇ. ھايۋان ھۈجەيرىسىنىڭ پلازما پەردىسىنىڭ سىرتىدا يەنە قەنت ئاقسىلى ۋە قەنتلىك ماي مولېكۇلىلىرىدىن ئىبارەت كۆپ قەنتلىك ئاز زەنجىردىن تۈزۈلگەن سىرتقى ئورىغۇچىسى بولىدۇ. ئىپتىدائىي يادرولۇق ھۈجەيرىلەر ۋە ئۆسۈملۈك ھۈجەيرىلىرىنىڭ پلازما پەردىسىنىڭ سىرتىدا ئوخشىمايدىغان تۈردىكى ماددىلاردىن تۈزۈلگەن ھۈجەيرە پوستى (يەنى ئۇنىڭ سىرتىدىن ئورىغۇچىسى) بولۇپ، پلازما پەردىسىنى قوغداش ۋە باشقا روللىرى بولىدۇ. پلازما پەردىسى ھەرىكەتچان، مولېكۇلىلىق تۈزۈلۈشى سىممېترىيىسىز بولۇشتىن سىرت، يەنە ئۆزگىرىشچان فازىلىق ۋە تاللاپ ئۆتكۈزۈشچان قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە. پلازما پەردىسى ھۈجەيرىنىڭ ماددا ئالمىشىشى، ئۇچۇر (خەۋەر) يەتكۈزۈلۈشى، مېتابولىزمنىڭ تەڭشىلىشى قاتارلىق جەھەتلەردە نىسبەتەن مۇھىم رول ئوينايدۇ.