Chinese→Uyghur主要词典
知觉的理解性
پسىخولوگىيە
ئىدراكنىڭ چۈشىنىشلىكلىكى
بۇ ئىنسانلارنىڭ ئىدرىكىنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى. چۈشىنىشلىك بولۇش تۈرلۈك ئىدراكلارنىڭ زۆرۈر شەرتى. ئىدراكىي ئوبرازنىڭ روشەن، مۇكەممەللىك دەرىجىسى كىشىلەرنىڭ بۇ شەيئىنى چۈشىنىش دەرىجىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر ئىدراك ئوبيېكتىنى چۈشەنمىسەك، ئىدراكىي ئوبراز مۈجمەل بولۇپ قالىدۇ. ئىدراكنىڭ چۈشىنىشلىكلىكى ئاساسەن ئىدراك جەريانىدا شەيئىنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكىنى ياكى كونكرېت بەلگىسىنى بىۋاسىتە بىلىشتىن ئىبارەت. تومۇر تۇتۇپ كېسەلنى ئېنىقلاشتا، بىلىم - تەجرىبىسىگە قاراپ سۈرئەت ۋە توغرىلىقتا پەرق بولىدۇ. كىشىنىڭ بىلىم، تەجرىبىسى قانچە مول بولسا، شەيئىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى ياكى بەلگىسىنى بىلىشكە شۇنچە ياردىمى بولىدۇ. ئەستايىدىل كۆڭۈل قويۇلسا، نۇتۇق يېتەكچىلىك قىلسا، شەيئىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ياكى بەلگىسىنى كۆزىتىش، بايقاشقا ياردەم بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىدراكنىڭ چۈشىنىشلىكلىكى يۈكسىلىدۇ.