Chinese→Uyghur主要词典
知觉常性
پسىخولوگىيە
ئىدراكنىڭ مۇقىملىقى
بۇ ئىدراكنىڭ شەرتى بەلگىلىك دائىرىدە ئۆزگەرگەندە، ئىدراكىي ئوبرازنىڭ ئۆزگەرمەي مۇقىملىقنى ساقلىشىدىن ئىبارەت. كۆرۈش دائىرىسىدىكى روشەنلىكنىڭ مۇقىملىقى، رەڭنىڭ مۇقىملىقى، شەكىل مۇقىملىقى، چوڭ - كىچىكلىك مۇقىملىقى كۆپرەك تەتقىق قىلىنغان. روشەنلىكنىڭ مۇقىملىقى ئوخشىمىغان يورۇقلۇق شارائىتىدا كىشىنىڭ سۇبيېكتىپ جەھەتتە ئىدراك روشەنلىكى جىسىمنىڭ ئەمەلىي روشەنلىكىنىڭ ئۆزگىرىشىگە قاراپ ئۆزگەرمەسلىكىدىن ئىبارەت. مەسىلەن: پاكىز فار - فۇر چىنا پارچىسىنىڭ يورۇقلۇقى بىر پارچە ساپال قاچا پارچىسىنىڭ يورۇقلۇقىدىن يورۇقراق بولىدۇ. ئەگەر ساپال پارچىسىنى كۈچلۈك يورۇق يەرگە قويۇپ، فار - فۇر پارچىسىنى كۆلەڭگە جايغا قويساق، ساپال پارچىسىنىڭ ئەمەلىي يورۇقلۇق دەرىجىسى فار - فۇردىن يورۇق بولىدۇ. لېكىن كىشىلەرنىڭ ئىدراك ئۈنۈمى ئۆزگەرمەيدۇ، فار - فۇر پارچىسىنىڭ يورۇقلۇقى ساپالدىن ئۈستۈن بىلىنىپ، روشەنلىكنىڭ مۇقىملىقى ساقلىنىپ قالىدۇ. رەڭ مۇقىملىقى بىر خىل بولمىغان يورۇقلۇق شارائىتىدا جىسىم رېڭىدە ئەمەلىي ئۆزگىرىش بولغان بولسىمۇ، كىشىنىڭ رەڭ جەھەتتىكى ئىدراكىي ئوبرازنىڭ يەنىلا نىسبىي مۇقىم بولۇشىنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن: ئاق بور ئۈستىگە رەڭلىك نۇر چۈشكەندە بور رېڭىدە ئۆزگىرىش بولغان بولسىمۇ، ئىدراكتا بور يەنىلا ئاق كۆرۈنىدۇ. شەكىل مۇقىملىقى جىسىمنىڭ شەكلى كىشىنىڭ ئىدراكى كۆزىتىش نۇقتىسىنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن ئۆزگەرمەي، ئىدراكىي ئوبرازنىڭ مۇقىملىقىنىڭ ساقلىنىپ قېلىشىنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن: چەمبەر ئېغىزلىق ئىستاكان قاراش نۇقتىسىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن چەمبەرسىمان كۆرۈنۈشىمۇ، ئىللېپىس ئەمەس، يەنىلا چەمبەرسىمان بولىدۇ. چوڭ - كىچىكلىكنىڭ مۇقىملىقى كىشىنىڭ جىسىمنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى توغرىسىدىكى ئىدراكى ئارىلىقنىڭ ئۆزگىرىشىگە قاراپ ئۆزگەرمەسلىكنى كۆرسىتىدۇ. بىر جىسىمنىڭ يىراقتىكى كۆرۈنۈشى يېقىندىكى كۆرۈنۈشىدىن كىچىك بولىدۇ. لېكىن ئىدراكتا بەلگىلىك دائىرە ئىچىدە چوڭ - كىچىكلىكى ئۆزگەرمەيدۇ. ئىدراكنىڭ مۇقىملىقى تەجرىبىنىڭ ئىدراك ئۈنۈمىنى بىر خىل تەڭشىشىدىن ئىبارەت.