Chinese→Uyghur主要词典
植被
تاشيول قۇرۇلۇشى
zhí bèi
ئۆسۈملۈك يېپىنچىسى ، ئۆسۈملۈك بىلەن قاپلىماق ، يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرDتەبىئىي جۇغراپىيە
zhí bèi
يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرDئۆسۈملۈك
zhí bèi
يېپىنچا ئۆسۈملۈكDئورمانچىلىق
zhí bèi
يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرDھەربىي
zhí bèi
يېپىنچا ئۆسۈملۈكDدېھقانچىلىق
zhí bèi
يېپىنچا ئۆسۈملۈكDئۇنىۋېرسال
zhí bèi
يېپىنچا ئۆسۈملۈك
Dگىئولوگىيە
zhí bèi
يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر
بىئولوگىيە
يېپىنچا ئۆسۈملۈك
بىر رايوندىكى ئومۇمىي ئۆسۈملۈكلەر تۈركۈمىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ ئۆسۈملۈكلەرنىڭ رايونلارغا بۆلۈنۈش سىستېمىسىغا ئوخشىمايدۇ. ئۆسۈملۈكلەرنىڭ رايونلارغا بۆلۈنۈش سىستېمىسى بىر رايوندىكى ئۆسۈملۈك كلاسسىفىكاتسىيە بىرلىكىنىڭ يىغىندىسىنى كۆرسىتىدۇ. يېپىنچا ئۆسۈملۈك تەبىئىي يېپىنچا ئۆسۈملۈك ۋە سۈنئىي ئۆستۈرۈلگەن يېپىنچا ئۆسۈملۈك دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. تەبىئىي يېپىنچا ئۆسۈملۈك بۇرۇنقى ۋە ھازىرقى مۇھىت ئامىللىرىنىڭ تەسىرىدە بىر رايوندا كۆرۈلگەن ئۆسۈملۈكلەر تارىخىي تەرەققىياتىنىڭ نەتىجىسى. يېپىنچا ئۆسۈملۈكنى تەتقىق قىلىش كۆپ تەرەپلىمىلىك مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇ تەبىئىي مۇھىتنى شەكىللەندۈرۈشتىكى مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى؛ ئۇ قۇياش ئېنېرگىيىسىنى تۇراقلاشتۇرۇپ بىرلەمچى ئىشلەپچىقىرىشنى تەمىنلەيدۇ؛ ئىنسانلارنى قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، يېمەكلىك، دورا ماتېرىياللىرى ۋە كۆپ خىل سانائەت خام ئەشياسى بىلەن تەمىنلەيدۇ. تەبىئىي يېپىنچا ئۆسۈملۈكتە خىلمۇخىل جانلىق تۈرلىرى ياكى ئىرسىيە ماتېرىياللىرى ساقلىنىدۇ. شۇڭا ئۇ ئەڭ قىممەتلىك تەبىئىي گېن ئىسكىلاتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ مۇۋاپىق ئېچىش، پايدىلىنىش، مۇھىتنى ساپلاشتۇرۇش ۋە بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى مول دەلىللەر بىلەن تەمىنلەيدۇ، شۇنداقلا تەبىئىي مۇھىتنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرسەتكۈچى بولالايدۇ، يەنى ئۇ تۇپراقنى ياخشىلاش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش، يەر ئۆلچەش ۋە كان قىدىرىش، يەر ئاستى سۈيىنى قېزىپ چىقىرىش ۋە پايدىلىنىش قاتارلىقلارنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ. يېپىنچا ئۆسۈملۈك ئۆز ئورنىنىڭ تەبىئىي شارائىتىنى ئومۇملاشتۇرۇپ كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقتىن، بۇ رايوننى دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك رايونلارغا ئايرىشتا ئەمەلىي ئەھمىيەتكە ئىگە.