Chinese→Uyghur主要词典
治安委员会
دۇنيا تارىخى
ئامانلىقنى ساقلاش كومىتېتى
فرانسىيە بۇرژۇئازىيە ئىنقىلابى مەزگىلىدە مىللىي ئۇيۇشمىسىنىڭ ئامانلىقىنى ساقلاشقا مەسئۇل ئاپپاراتى. 1792 - يىلى 10-ئايدا قۇرۇلغان. 12 نەپەر ئەزا مىللىي ئۇيۇشما ئەزالىرى ئىچىدىن سايلاپ چىقىلغان ھەمدە بۇلار مىللىي ئۇيۇشما ئالدىدا جاۋابكار بولغان. ھەر ئايدا بىر قېتىم ئۆزگەرتىپ سايلانغان، داۋاملىق ۋەزىپە ئۆتىگەن. ئاساسىي ۋەزىپىسى ئەدلىيە، تېررىتورىيە بىخەتەرلىكى ۋە گۇمانلىق ئۇنسۇرلارغا قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇشتىن ئىبارەت. گىروندېچىلار ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزۈۋاتقان مەزگىللىرىدە رولىنى جارى قىلالمىغان. 1793-يىل 9-ئاينىڭ 13-كۈنى قايتىدىن تەشكىل قىلىنغان. ئۇنىڭ ئەزالىرى ۋەتەن قۇتقۇزۇش كومىتېتى تەرىپىدىن كۆرسىتلگەن ھەمدە ئۇنى نازارىتى ئاستىدا بولغان. لېكىن لېباس ۋە داۋىدنى ھېسابقا ئالمىغاندا باشقا ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى روبېسپېر گۇرۇھىدىن بولمىغان.ياكوبن دىكتاتۇرىلىقى مەزگىللىرى مەخسۇس ئەكسىلئىنقىلابچىلارنى تازىلاش خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇپ، بىر مەھەل <تېررورلۇق ئورنى> غا ئايلىنىپ قالغان، شۇنىڭدەك ۋەتەن قۇتقۇزۇش كومىتېتى بىلەن ئۈزلۈكسىز توقۇنۇشۇپ تۇرغان. 1794-يىلى ئەتىيازدا، مەزكۇر كومىتېتنىڭ زور كۆپچىلىك ئەزالىرىروبېسپېرغا قارشى ئۇنسۇرلارغا ئايلانغان. تومۇز ئېيى سىياسىي ئۆزگىرىشىدىن كېيىن يەنە بىر قېتىم ئۆزگەرتىپ تەشكىللەنگەن، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۆزىنىڭ رولىنى جارى قىلالمىغان. 1795-يىلى 10-ئايدا مىللىي ئۇيۇشما بىلەن بىرلىكتە تارقىتىۋېتىلگەن.