Chinese→Uyghur主要词典
针叶林
ھەربىي,ئۆسۈملۈك,تەبىئىي جۇغراپىيە
zhēn yè lín
يىڭنە يوپۇرماقلىق ئورمانDئۇنىۋېرسال
zhēn yè lín
يىڭنە يوپۇرماقلىق ئورمان
بىئولوگىيە
يىڭنە يوپۇرماقلىق ئورمان
يىڭنە يوپۇرماقلىق دەرەخ تۈركۈمىدىن تۈزۈلگەن بىرخىل ئومانلىقلار تۈركۈمىنىڭ ئومۇمىي نامى. ئۇ ھەرخىل يىڭنە يوپۇرماقلىق ساپ ئورمان، يىڭنە يوپۇرماقلىق دەرەى تۈرلىرى ئارىلاش ئورمان ۋە يىڭنە يوپۇرماقلىق دەرەخ بىلەن كەڭ يوپۇرماقلىق دەرەخ ئارىلاش ئورمانلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يىڭنە يوپۇرماقلىق ئورمانلىقنى سىرتقى كۆرۈنۈشىدىن ئاسان پەرقلەندۈرگىلى بولىدۇ. ئۇنى تۈزگۈچى ئاساسلىق دەرەخ تۈرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن سىرتقى كۆرۈنۈشى پەرقلىق بولىدۇ، ئورمان تاجىسىنىڭ رەڭگىمۇ پەرقلىنىدۇ. يىڭنە يوپۇرماقلىق ئورمان جۇڭگودا ئەڭ ڭەك تارقالغان بىر خىل ئورمان تۈركۈمى بولۇپ، نەملىك دەرىجىسى بەك تۆۋەن قۇرغان رايونلار بىلەن دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى ئورمان سىزىقىدىن يۇقىرى بولغان قاتتىق سوغۇق بولىدىغان تاغلاردىن باشقا، بارلىق ئورۇنلاردا يىڭنە يوپۇرماقلىق ئورمان بار. يىڭنە يوپۇرماقلىق ئورماننىڭ بىرلىك يۈزىدىكى توپلاش مىقدارى ئىنتايىن يۇقىرى، ستاتىستىكىلىق ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا ئۇنىڭ ياغاچ ماتېرىياللىرىنى توپلاش مىقدارى مەملىكىتىمىزدىكى ئورمانلىقلارنىڭ ئومۇمىي توپلاش مىقدارىنىڭ تەخمىنەن 65 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. شۇڭا ئۇ دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ماتېرىياللىرىنىڭ ئاساسلىق كېلىش مەنبەسى ۋە زور مىقدارىدىكى ئورمانچىلىق قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەيدىغان مەنبە ھېسابلىنىدۇ. جۇڭگونىڭ يىڭنە يوپۇرماقلىق ئورمان يېپىنچىسىنىڭ تۈرى مول بولۇپ، ياۋروپا - ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقى بىلەن شىمالىي ئامېرىكىدا بولىدىغان بىر قاتار تۈرلەر بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئالاھىدە بولغان خاس تۈرلىرىمۇ بار. مەسىلەن، مېتاساكوۋىيە دەرىخى، شەمشاد دەرىخى، كاتايا دەرىخى، سۇ كىپارىسى قاتارلىقلاردىن ھاسىل بولغان ئورمانلىقلار جۇڭگوغا خاس ئورمانلىق ھېسابلىنىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۈچىنچى ئىرادىن قالغان تۈرلەر بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئۆزىگە خاس تەبىئىي شارائىتىدا ساقلىنىپ كۆپىيىۋاتىدۇ. بۇ ئەتىۋارلىق تەبىئىي <گېن ئىسكىلاتى> بولۇپ مۇھىم ئىقتىسادىي ۋە پەن - تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە.