Chinese→Uyghur主要词典
真口鱼类
بىئولوگىيە
ھەقىقىي ئېغىزلىق بېلىقلار
سۆڭەكلىك بېلىقلارنىڭ ئاساسلىق بىر تۈركۈمى، ئىچكى ئىسكىلىتلىرى قاتتىق سۆڭەك، تەرەققىي قىلغان، كۆمۈرچەك خاراكتېرلىك سۆڭەك ۋە پەردە خاراكتېرلىك سۆڭەكلەردىن تەركىب تاپقان. باش سۆڭىكى ئادەتتە تىل ئارقىلىق تۇتىشىش شەكلىدە بىرىككەن. يەنى تاڭلاي چاسا كۆمۈرچىكى بىلەن ئوخشاش مەنبەلىك بولغان تاڭلاي سۆڭەك، چاسا سۆڭەك ھەم قانات سۆڭەكلىرى باش قۇتىسىغا بىرىكمەيدۇ، ئۈستۈنكى، تۆۋەنكى جاغلىرى پەردە سۆڭەككە قاپلانغان، ئۈستۈنكى جاغى ئالدىنقى جاغ سۆڭىكى بىلەن جاغ سۆڭىكىدىن تەركىب تاپقان. تۆۋەنكى جاغى چىش سۆڭىكى، بۇرجەك سۆڭەك ھەم مېكېل كۆمۈرچەكلىرى بىلەن ئوخشاش مەنبەلىك بولغان بوغۇم سۆڭىكىدىن تەركىب تاپقان. ئادەتتە كلوئاكاسى يوق، ھەقىقىي ئېغىزلىق بېلىقلار كۆپلىگەن قەدىمكى بېلىقلار بىلەن زور كۆپ ساندىكى ھازىرقى زامان بېلىقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قەدىمكى دەۋردىكى ئاكانتودلار (Aconthodii) دىن ئۆزگىرىپ كەلگەن دەپ قارىلىدۇ. جۈپ پالاقچىسىنىڭ تۈزۈلۈشىگە ئاساسەن چوتكا پالاقلىق بېلىقلار ۋە گۈگۈسۈن پالاقلىق بېلىقلار دەپ بۆلۈنىدۇ، ياكى چوتكا پالاقلىقلار كەنجى سىنىپى ۋە گۈگۈسۈن پالاقلىقلار كەنجى سىنىپى دېيىلىدۇ. چوتكا پالاقلىق بېلىقلار ياكى چوتكا پالاقلىقلار كەنجى سىنىپىدىكىلەرنىڭ جۈپ (قوش) پالاقچىسى تەڭگىچىلەرگە قاپلانغان گۆشلۈك ياپراقچىدىن ئىبارەت. ئادەتتە ھەممىسىنىڭ ئىچكى بۇرۇن تۆشۈكى، بويۇن پلاستىنكىسى بولىدۇ، پۈۋىكى ئارقىلىق ھاۋادىن نەپەسلىنەلەيدۇ. تاشقا ئايلانغان قالدۇقلىرى دېۋون دەۋرىدىكى تاتلىق سۇ لاتقا تىنمىلىرىدىن تېپىلغان. پالېئوزوي دەۋرى ۋە مېزوزوي دەۋرلىرىدىكى تۈرلىرى ناھايىتى كۆپ، تارقىلىش دائىرىسى كەڭ بېلىقلاردىن ھېسابلىنىدۇ. گۈگۈسۈن پالاقلىق بېلىقلار ياكى گۈگۈسۈن پالاقلىقلار كەنجى سىنىپىدىكىلەرنىڭ جۈپ پالاقچىسىدا گۆشلۈك ياپراقچە بولمايدۇ، ئاساسىي پالاقچە سۆڭىكى تەرەققىي قىلمىغان، ئادەتتە پەقەت گۈگۈسۈن پالاقچە سۆڭىكىلا بولغاچقا گۈگۈسۈن پالاقلىق بېلىقلار دەپ ئاتالغان. ئوتتۇرا دېۋون دەۋرىدە مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، ھازىرقى بېلىقلارنىڭ زور كۆپچىلىكى مۇشۇ تۈركۈمگە كىرىدۇ.