Chinese→Uyghur主要词典
整妻镜
دۇنيا تارىخى
ئاگاتسۇما ئۆرنەكلىرى
<ياپونىيە ئىبرەتنامىسى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ كاماكۇرا باكۇ شوگونلۇقىنىڭ مەجمۇئە ئۇسلۇبىدا يېزىلغان تارىخنامىسى. كىتاب جەمئىي 52 جىلد (بۇنىڭ 45 جىلدى كەم). ئاپتورى باكۇشوگونلۇقىنىڭ غۇلامىدەك قىلىدۇ. بۇنىڭدا باكۇشوگونلۇقىنى مەركەز قىلغان ھالدا سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت قاتارلىق جەھەتلەرگە دائىر تارىخىي ماتېرىياللار بايان قىلىنغان، 1180- يىلى (خابۇتسۇگونىڭ تۆتىنچى يىلى) مىنا موتۇماسا لەشكەر تارتىپ چىققاندىن تارتىپ تاكى 1266-يىلى (قۇمىناگانىڭ 3-يىلى) شاھزادە مۇنې تاكاشى كىيتۇغا قايتىپ كەلگەنگە قەدەر بولغان ئارىلىقتىكى ۋەقەلەر يېزىلغان بولۇپ، ئىلگىرى - كېيىن جەمئىي 78 يىلنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ماتېرىياللىرى باكۇ شوگناتىنىڭ پۈتۈكچىلىرى ۋە ساراي بەگلىرىنىڭ كۈندىلىك خاتىرىلىرى قاتارلىقلارنى ئاساس قىلغان. ئۇسلۇبى ياپونىيە تۈسىدىكى خەنزۇ يېزىقى بىلەن يېزىلغان بولۇپ، ئارىسىدا سامۇرايلارنىڭ قوپال تىللىرى قىستۇرۇلغان. ئالدىنقى قىسىملىرى فۇمىناگا يىللىرى (1264 - 1275-يىللىرى)، كېيىنكى قىسىملىرى ماساخىرو يىللىرى ئارىلىقىدا (1288 - 1293) تۈزۈلگەن. بۇ كاماكۇرا دەۋرىنى تەتقىق قىلىشتىكى مۇھىم تارىخىي ماتېرىيال بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.