Chinese→Uyghur主要词典
战时造谣惑众罪
قانۇن
zhàn shí zào yáo huò zhòng zuì
ئۇرۇش ۋاقتىدا پىتنە - ئىغۋا تارقىتىپ كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
ئۇرۇش مەزگىلىدە ئىغۋا تارقىتىپ كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇش جىنايىتى
بۇ - ھەربىيلەرنىڭ ئۇرۇش مەزگىلىدە ئىغۋا تارقىتىپ كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇپ، ئارمىيىنىڭ ئىرادىسىنى بوشاشتۇرغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - ئارمىيىنىڭ ئۇرۇش قىلىش مەنپەئىتى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى ئۇرۇش مەزگىلىدە ئىغۋا تارقىتىپ كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇپ، ئارمىيىنىڭ ئىرادىسىنى بوشاشتۇرغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - جەڭگە قاتناشقان ھەربىي ۋەزىپىدىكى خادىملار بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
433 - ماددا ئۇرۇش مەزگىلىدە ئىغۋا تارقىتىپ، كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇپ، ئارمىيىنىڭ ئىرادىسىنى بوشاشتۇرغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 01 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
دۈشمەن بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، ئىغۋا تارقىتىپ كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇپ، ئارمىيىنىڭ ئىرادىسىنى بوشاشتۇرغانلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلسە بولىدۇ.