Chinese→Uyghur主要词典
詹姆斯
دۇنيا تارىخى
جامېس
(1) ۋىليام جامېس (1842 - 1910)، ئامېرىكىلىق ئىدېئالىست پەيلاسوپ ۋە پسىخولوگ، سۇيىئىستېمالچىلىق تەرەپدارى، فۇنكسىيە پسىخولوگىيىسىنىڭ ئاساسچىسى. نيۇ - يورك شەھىرىدە تۇغۇلغان. بالىلىق دەۋرىدە ئاتا - ئانىسى بىلەن بىرلىكتە ياۋروپادا تۇرغان. 1861 - يىلى خارۋارد داشۆسىنىڭ تېببىي ئىنستىتۇتىغا كىرگەن. 1865-يىلى ئوقۇشنى يېرىم يولدا توختىتىپ قويۇپ، <ئامازون دەرياسىنى ئىلمىي كېزىپ تەكشۈرۈش ئەترىتى> گە قاتناشقان. كېيىن مەكتىپىگە قايتىپ كېلىپ ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرغان ۋە 1869-يىلى پۈتتۈرگەن. 1872 - يىلى خارۋارد داشۆسىنىڭ فىزىئولوگىيە لېكتورى بولغان. 1881 - 1907 - يىللاردا پەلسەپە ۋە پسىخولوگىيە پروفېسسورى بولغان. ئامېرىكىدىكى تۇنجى پسىخولوگىيە تەجرىبىخاىسىنى بەرپا قىلغان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا دىننى قوغداشنى ئاشكارا تەشەببۇس قىلىپ، <ئېتىقاد ئىرادىسى> نى تەرغىپ قىلغان. يەنە <ئۈزۈل - كېسىل تەجرىبىچىلىك نەزەرىيىسى> نى بەرپا قىلىپ، <ساپ تەجرىبە> ياكى سۇبيېكتىپ تەجرىبىدىن باشقا ھەر قانداق ئەمەلىي نەرسىنىڭ بولىدىغانلىقىنى ئىنكار قىلغان. ھەقىقەتنىڭ ئۆلچىمى <پايدىسى بولغان>، <ئوڭايلىق تۇغدۇرغان> ئۈنۈمدىن ئىبارەت، دەپ قارىغان. بەدەن ھالىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان كەيپىيات نەزەرىيىسىنى بەرپا قىلىپ، ئۆزگىرىشچان ئاڭ ئېقىمى تەلىماتىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىرادىچىلىكنى تەشەببۇس قىلغان ھەمدە پەنگە قارشى <جىن - شەيتانلار تەتقىقاتى> نى قوللىغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرى <ئېتىقاتنىڭ ئىرادىسى>، <پسىخولوگىيە قائىدىلىرى>، <سۇيىئىستېمالچىلىق>، <ھەقىقەتنىڭ مەزمۇنى> قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. (2) ھېنرى جامېس (1843 - 1916)، ئامېرىكىلىق يازغۇچى. ۋىليام جامېسنىڭ ئۇكىسى. نيۇ - يورك شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1862-يىلى خارۋارد داشۆسىنىڭ قانۇن ئىنىستىتۇتىغا كىرىپ ئوقۇغان. تەخمىنەن 1864-يىلى يېزىچقىلىقنى باشلىغان. ياۋروپادا كۆپ قېتىم ساياھەت قىلغان. ئەسەرلىرىنى كۆپىنچە <ئاتلانتا ئايلىق ژۇرنىلى> دا ئېلان قىلغان. 1876-يىلى لوندوندا ئولتۇراقلاشقان، ئۆمۈر بويى تۇرمۇش قۇرمىغان. 1915-يىلى ئەنگلىيە دۆلەت تەۋەلىكىگە كىرگەن. ياۋروپا مەدەنىيىتىگە چوقۇنغان، ئەسەرلىرىدە رىيالىستىك تۈس بولۇپ، مۇھىت، ۋەقەلىك ۋە پىرسوناژلارنىڭ پسىخولوگىيىسىنى ئورگانىك ھالدا بىر گەۋدە قىلىپ قوشۇۋېتەلىگەن، ئەمما شەكلىنى قوغلاشقان. ئەسەرلىرىنىڭ تولىسىدا ياۋروپا ئاقسۆڭەكلىرى، بۇرژۇئازىيىسىنى تەسۋىرلىگەن ھەمدە شۇ ئارقىلىق ئامېرىكا بىلەن ياۋروپانى سېلىشتۇرغان. ئاڭ ئېقىمى ھىكايىلىرىغا بىر قەدەر زور تەسىر كۆرسەتكەن. ئاساسلىق ئەسەرلىرى <ئېسىلزادە خېنىنىڭ رەسمى>، <كەپتەر قانىتى>، <ئەلچىلەر>، <ئالتۇن تاۋا> قاتارلىق رومانلار، <فرانسىيە شائىرلىرى ۋە يازغۇچىلىرى>، <ھوساڭ توغرىسىدا قاتارلىق ئەدەبىي ئوبزور قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
詹姆斯〈澳、巴哈、加、美、智〉
zhān mǔ sī
جامېس