Chinese→Uyghur主要词典
长子继承法
دۇنيا تارىخى
چوڭ ئوغۇل ۋارىسلىق قىلىش تۈزۈمى
مىراسقا ۋارىسلىق قىلىشتىكى بىر خىل تۈزۈم. ئوتتۇرا ئەسىردە ياۋروپادا ئەۋج ئالغان. مەزمۇنى: مۇقىم مۈلۈكلەرنىڭ (ئاساسلىقى يەر) ئەۋج ئالغان. مەزمۇنى: مۇقىم مۈلۈكلەرنىڭ (ئاساسلىقى يەر) ھەممىسىگە چوڭ ئوغۇل ۋارىسلىق قىلىش، باشقا بالىلارغا تەقسىم قىلماسلىق. ئەگەر چوڭ ئوغلى مىراسقا ۋارىسلىق قىلىشتىن ئىلگىرى ئۆلۈپ كەتسە، چوڭ نەۋرىسى ۋارىسلىق قىلىشتىن ئىبارەت. بۇنىڭدىن مەقسەت، ئاقسۆڭەك يەر ئىگىلىرىنىڭ يەرلىرىنىڭ بۆلۈنۈپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت. يېقىنقى زامانغىچە بەزى دۆلەتلەردە مۇشۇ خىلدىكى تۈزۈمىنىڭ قالدۇقى ساقلانغان.