Chinese→Uyghur主要词典
占城
دۇنيا تارىخى
چامپاپۇرا
قەدىمكى دۆلەت نامى (پۇرا ساسىكرىتچە سۆز بولۇپ <شەھەر> دېگەنلىكتۇر). چاملار ھازىرقى ۋيېتنامنىڭ ئوتتۇرا قىسىم رايونىدا قۇرغان. چىن ۋە خەن سۇلالىلىرى دەۋرىدە جۇڭگونىڭ ئايمىقى بولغان. مىلادى 192-يىلى (يەنە بىر مەنبەرلەردە 137-يىلى) جۇكۈي خەن سۇلالىسىنىڭ زەئىپلەشكەنلىكىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنى خان دەپ ئېلان قىلپ دۆلەت قۇرغان. دەسلەپكى خانى شياڭ لىن دېگەن كىشى بولۇپ، جۇڭگونىڭ تارىخىي كىتابلىرىدا قىسقارتىلىپ لىن شەھىرى دەپ ئاتالغان. تاڭ سۇلالىسىنىڭ جىدى يىللىرى (756 - 758) دىن كېيىن خۇەنۋاڭ دەپ ئۆزگەرتىلگەن. بەش دەۋر ۋاقتىدا (مىلادى Ⅹ ئەسىردە) يەنە چامپاپۇراغا ئۆزگەرتىلگەن. بۇ خانلىق ھىندى مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولۇپ، ئاھالىسى ھىندى دىنى ۋە ھىنايانا بۇددىزمىغا بەك ئېتىقاد قىلغان، جۇڭگو بىلەن قويۇق ئالاقىدە بولۇپ، ئىككى ئوتتۇرىدا بېرىش - كېلىشنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىگەن. جۇڭگونىڭ رەسمىي تارىخلىرىدا تەپسىلىي خاتىرىلەر يېزىلغان، بۇ خالىق يەنە قوشنا دۆلەت چېنلا بىلەن دائىم ئۇرۇشۇپ تۇرغان. Ⅹ ئەسىردىن كېيىن شىمالىي ۋيېتنامدىكى فېئودال سۇلالىنىڭ كۆپ قېتىملىق تاجاۋۇزچىلىقىغا ئۇچراپ، زېمىنى پەيدىنپەي قوشۇۋېلىنغان. 1471-يىلى خانلىقىنىڭ كۆپ قىسىم زېمىنى كېيىنكى لې سۇلالىسى تەرىپىدىن قوشۇۋېلىنغان. 1697-يىلغا كېلىپ ئاخىرى جەنۇبتىكى ڭۇيېن جەمەتى تەرىپىدىن يوقىتىلغان.
تارىخ
zhàn chéng
جانپۇ قەلئەسى