Chinese→Uyghur主要词典
斋藤实
دۇنيا تارىخى
جەيتېڭشى
(1858 - 1936) ياپونىيە باش ۋەزىرى (1932 - 1934). دېڭىز ئارمىيە گېنېرالى. سۇيزاۋا ۋاسساللىقى (ھازىرقى ئىۋاتې ناھىيىسىدە) دىكى بىر سامۇراينىڭ ئوغلى. دېڭىز ئارمىيە مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن. 1884-يىلى ئامرىكىغا ئوقۇشقا بارغان. 1898-يىلىدىن باشلاپ دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان. 1906 - 1914 -يىللىرى ئۇدا بەش نۆۋەت ئىچكى كابىنېت دېڭىز ئارمىيە ۋەزىرى بولۇپ، دېڭىز ئارمىيىسىنى كېڭەيتىش سىياسىتىنى يولغا قويغان. 1919 - 1927 - يىللىرى چاۋشيەن باش ۋالىيىسى بولغان. 1927-يىلى 4-ئايدا ياپونىيىنىڭ جەنۋەدىكى دېڭىز ئارمىيە بويىچە ھەربىي تەييارلىقلارنى قىسقارتىشقا قاتناشقۇچى تولۇق ھوقۇقلۇق ھەيئىتى بولغان. 1929 - 1931 - يىللىرى يەن چاۋشيەن باش ۋالىيسى بولغان. 1932-يىلى 15-ماي ۋەقەسىدىن كېيىن، سىياسىي دوستلار جەمئىيىتى، خەلق ئىلگىرى پارتىيىسى قاتارلىقلار بىلەن بىرلىشىپ ئىچكى كابىنېت تەشكىل قىلغان. 9-ئاينىڭ 15-كۈنى كانتون ئارمىيىسى پەيدا قىلغان قورچاق مانجۇرىيە دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان، ئىككىنچى يىلى خەلقئارا ئىتتىپاقتىن چكىنىپ چىققان. 1934-يىلى 7-ئايدا خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرگەن. 1935-يىلى 7-ئايدا ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى بولغان. 1936-يىلى 26-فېۋرال ۋەقەسىدە ئۆلتۈرۈلگەن.