Chinese→Uyghur主要词典
宅地法
ئۇنىۋېرسال
zhái dì fǎ
تۇرالغۇ جاي قانۇنى
دۇنيا تارىخى
يەر - جاي قانۇنى
<ئۈلۈشلۈك يەر قانۇنى>، <كۆچمەنلەر قانۇنى> دەپمۇ تەرجىمە قىلىنغان. ئامېرىكىدىكى جەنۇب بىلەن شىمال ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش مەزگىلىدە، 1862 - يىل 5 - ئاينىڭ 20 - كۈنى لىنكولىن ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان. قانۇندا ئومۇمەن 21 ياشقا توشقان ئامېرىكا پۇقراسى ياكى تەۋەلىككە ئۆتۈش قانۇنى بويىچە ئۆز ئىختىيارى بىلەن تەۋەلىككە ئۆتكۈچىلەر ئەمەلىي تېرىقچىلىق قىلىش مەقسىتى بىلەن 10 ئامېرىكا دوللىرى تاپشۇرسا جامائەت يېرىدىن ئومۇمىي كۆلىمى 160 ئاكردىن ئېشىپ كەتمەيدىغان يەرگە ئىگە بولالايدۇ، بۇ يەردە ئولتۇراقلاشقان ياكى تېرىقچىلىق قىلغىنىغا بەش يىل تولغانلار شۇ يەرگە ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ، ئۇلارغا گۇۋاھنامە تارقىتىپ بېرىلىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. يەنە خۇسۇسىيلارنىڭ مۇئەييەن مىقداردا جامائەت يەرلىرىنى ئەرزان باھادا سېتىۋېلىشقا رۇخسەت قىلىنغان. بۇ قانۇن ئامېرىكىنىڭ غەربىي قىسمىنىڭ ئېچىلىشى ۋە ئاھالىلەرنىڭ غەربكە قاراپ كۆچۈشىنى ئىلگىرى سۈرگەن ھەمدە جەنۇب بىلەن شىمال ئۇرۇشى داۋامىدا قوشما شتاتلار ھۆكۈمىتىنى ئىشچى - دېھقانلار ئاممىسىنىڭ قوللىشىغا ئىگە بولغان. بىراق خۇسۇسىيلارنىڭ ئەرزان باھا بىلەن يەر سېتىۋېلىشىغا يول قويغانلىقتىن، بۇنىڭدىن ھايانكەشلەرمۇ پايدىلىنىپ كەتكەن.