Chinese→Uyghur主要词典
扎波罗热市
دۇنيادىكى شەھەرلەر
زاپوروژې شەھىرى
سوۋېت ئۇكرائىنا جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى دنېپر دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىنىڭ سول ياقىسىغا جايلاشقان. 1921 - يىلدىن بۇرۇن <ئالېكساندروۋسكى> دەپ ئاتالغان. ھازىر زاپوروژې ئوبلاستىنىڭ مەركىزى ھېسابلىنىدۇ. شەھەر ئاھالىسى 852 مىڭدىن ئاشىدۇ (1985)، بۇ جاي 1770 - يىلى كىچىك بىر قەلئە ئىدى، 20 - ئەسىرنىڭ 30 - يىللىرى كاخوبكا سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن تېز تەرەققىي قىلىپ مۇھىم سانائەت شەھىرىگە ئايلاندى. شەھەرنىڭ سۇ، قۇرۇقلۇق قاتنىشى تەرەققىي قىلغان. ھازىر دنېېر دەريا بويىدىكى مۇھىم دەريا پورتى ھېسابلىنىدۇ. شەھەرنىڭ مېتاللۇرگىيە، ئالاھىدە سۈپەتلىك پولات، برىكمە پولات، ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش، ئايروپىلان ياساش، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، خىمىيە قاتارلىق سانائەتلىرى تەرەققىي قىلغان.