Uyghur主要词典
زەئىپلەشمەك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ئاجىزلاشماق؛ كۈچى، قۇۋۋىتى، ماغدۇرى ئازايماق؛ ھالسىزلانماق.
شاھ سەنەم غېرىبتىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئەھۋالى كۈندىن - كۈنگە زەئىپلىشىپ، چىرايى زەپىراندەك سارغايدى.
ئىقتىدارى تۆۋەنلىمەك، ناچارلاشماق (كۆز ۋە ئاۋاز قاتارلىقلار ھەققىدە).
ئۇنىڭ زەئىپلەشكەن خۇنسىز كۆزلىرى ھازىر ھېچنېمىنى پەرق ئېتەلمەيۋاتاتتى.
سىياسىي، ئىقتىسادىي، ھەربىي ۋە باشقا جەھەتلەردىن كۈچسىزلەنمەك، ئاجىزلاشماق.
خاندانلىقىمىزنىڭ زەئىپلىشىپ ۋەيران بولۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئەسلەپ چەكسىز ئېچىنىۋاتىمەن.