Uyghur主要词典
زەردۇشت
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
قەدىمكى ئىراندا ئوتپەرەسلىك دىنىنىڭ ئاساسىنى قۇرغان كىشى. بۇ دىن شۇ نام بىلەن زەردۇشت دىنى دەپ ئاتالغان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
دىن
زەردۇشت دىنىنىڭ ئاساسچىسى. مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ، Ⅶ ئەسىر ئارىلىقىدا ياشىغان.
قەدىمكى پېرىسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا قاتارلىق جايلارغا كەڭ تارالغان بىر خىل دىن. ئۇ مىلادىيىدىن بۇرۇنقى Ⅵ ئەسىردە زەردۇشت تەرىپىدىن پېرىسسىيە (قەدىمكى ئىران) نىڭ شەرقىي قىسمىدا يارىتىلىپ، كېيىن تەرەققىي قىلىپ پېرىسىيىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارالغان. قۇلدارلىق ۋە دەسلەپكى فېئودالىزم دەۋرىدە ئوتتۇرا ئاسىيا، ئىران ۋە ئەزەربەيجاندا ئاساسىي دىن بولغان، ئۇنىڭ ماھىيىتى دۇئالىزمدۇر.
Rate this entry