Uyghur←Chinese主要词典
زەنجىرسىمان زەمبۇرۇغ
بىئولوگىيە
链霉菌
liànméijūn
ئاكتىنومىتسسىلار ئىچىدىكى تۈرى ئەڭ كۆپ بىر ئۇرۇقداش. ئۇنىڭ يېتىلىشى ياخشى بولۇپ كۆپ شاخلىنىدۇ، توپى ئىچىدە زەمبۇرۇغ يىپچىسى ۋە ھاۋا يىپچىسى بولىدۇ، زەمبۇرۇغ يىپچىسىدا توسۇق بولمايدۇ، ئۈزۈلۈپ كىچىك تەنچە ھاسىل قىلمايدۇ. ئۈزۈلۈپ كىچىك تەنچە ھاسىل قىلمايدۇ. ھاۋا يىپچىسى يېتىلىپ بەلگىلىك باسقۇچقا كەلگەندە دىففېرېنسىيىلىنىپ سپورا يىپچىسىنى ھاسىل قىلىدۇ. زەمبۇرۇغ تۈرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن سپورا يىپچىسى تۈز، دولقۇنسىمان، بۇرمىسىمان ۋە ئايلانمىدىن ئىبارەت تۆت خىل ئاساسىي ھالەتتە بولىدۇ. سپورا يىپچىسى پىشقاندىن كېيىن بۆلۈنۈپ بۆلۈنگۈچى سپورىنى ھاسىل قىلىدۇ، بۆلۈنگۈچى سپورىلار ئۆز ئارا تۇتىشىپ بۆلۈنگۈچى سپورا زەنجىرىنى شەكىللەندۈرىدۇ. زەمبۇرۇغ توپىنىڭ يۈزى دەسلەپكى مەزگىلدە تۈز سىلىق بولىدۇ، كېيىن تىۋىت تۈكسىمان، دانچىسىمان ياكى پاراشوكسىمان بولۇپ ئۆزگىرىدۇ. توپ ئىچىدىكى يىپچە، ھاۋا يىپچىسى ۋە سپورىسى ھەر خىل پىگېمنتلارنى ھاسىل قىلىپ زەمبۇرۇغ توپىنىڭ يۈزى ۋە ئەكىس تەرىپىنى ھەر خىل رەڭگە كىرگۈزىدۇ. زەنجىرسىمان زەمبۇرۇغنىڭ ئوخشاش بولمىغان كلاسسىفىكاتسىيىلىك سىستېمىدىكى بۆلۈنۈشى ئوخشاش بولمايدۇ. <برېئېدچە زەمبۇرۇغلارنى باھالاپ بېكىتىش قوللانمىسى> نىڭ 8 - نەشرىدە، ئىلگىرى زەنجىرسىمان زەمبۇرۇغ دەپ ئاتالغان ئاكتىنومىتسىسلارنى يەنە ئىككى ئۇرۇقداشقا بۆلگەن، يەنە سپورا يىپچىسى تۈز، دولقۇنسىمان ياكى بۇرمىسىمان زەنجىرسىمان زەمبۇرۇغ يەنىلا زەنجىرسىمان باكتېرىيە ئۇرۇقدىشى دەپ ئاتىلىپ، يەتتە تۈز گۇرۇپپىسى، جەمئىي 40 تىن كۆپرەك تۈرگە بۆلۈنگەن؛ سپورا يىپچىسى ئايلانما بولۇپ ئۆسكەن يەنە بىر قىسمى ئايلانما ئۆسكەن زەنجىرسىمان زەمبۇرۇغ ئۇرۇقدىشى قىلىپ ئايرىلىپ 20 تۈر گۇرۇپپىسى جەمئىي 40 تۈرگە بۆلۈنگەن. زەنجىرسىمان زەمبۇرۇغ ئاساسەن تۇپراقتا ياشايدۇ، ئوكسىگېنلىق شارائىتتا چىرىندىخورلۇق قىلىدۇ، تۇپراقتىكى ئورگانىك ماددىلارنى پارچىلاپ باشقا ماددىغا ئايلاندۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇ يەنە ئىنسانلارغا زور مىقداردا ئانتىبىئوتىك ئىشلەپچىقىرىپ بېرىدۇ. مەسىلەن، سترېپتومېتسىن، تېتراتسىكىلىن، تېررامىتسىن، كانامىتسىن، فىستانتىن رىفومىتسىن ۋە جىڭگاڭمىتسىن قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ئوخشاش بولمىغان تۈردىكى زەنجىرسىمان باكتېرىيە ئىشلەپچىقىرىدۇ. ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، يەنە بەزى ئېنزىم ياسالمىلىرى ۋە <5406> باكتېرىيىلىك ئوغۇت ياسىلىدۇ.