Uyghur←Chinese主要词典
زەنجىرسىمان شارچە باكتېرىيە
领域: بىئولوگىيە链球菌
liànqiújūn
شارچە باكتېرىيە ئۇرۇقدىشىدىكى باكتېرىيىلەرنى كۆرسىتىدۇ، بەزىدە كەڭ دائىرىدە زەنجىرسىمان تىزىلىدىغان بارلىق باكتېرىيىلەرنى كۆرسىتىدۇ. زەنجىرسىمان شارچە باكتېرىيە ئۇرۇقدىشى گرام مۇسبەت خۇسۇسىيەتلىك، قوشۇمچە ئوكسىگېنسىز نەپەسلىنىدىغان شارچە باكتېرىيە. ھۈجەيرىسى شار شەكىللىك ياكى تۇخۇم شەكىللىك بولىدۇ، دىئامېترى ئىككى مىكرو مېتر كېلىدۇ، جۈپ ياكى زەنجىرسىمان تېزىلىدۇ، ئۆستۈرگۈچ فاكتور بولغاندىلا ئاندىن ياخشى ئۆسىدۇ، گلۇكوزىنى ئېچىتىپ ئاساسەن دېكسترولاكتوزا ھاسىل قىلىدۇ. زەنجىرسىمان شارچە باكتېرىيە ئۇرۇقدىشى بەزى فىزىئولوگىيىلىك ۋە بىئو خىمىيىلىك ئالاھىدىلىكلىرى ھەمدە گېمولىزلىق خۇسۇسىيىتىگە ئاساسەن تۆت توپقا بۆلۈنىدۇ. بۇلار: يىرىڭلاتقۇچى توپ، يېشىل توپ، ئۈچەي شارچە باكتېرىيە توپى ۋە لاكتوزا شارچە باكتېرىيە توپى. يىرىڭلاتقۇچى توپ ئادەم ۋە ئىسسىق قانلىق ھايۋانلاردا كېسەل كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يېشىل باكتېرىيە توپىنىڭ كۆپىنچىسى ئېغىز بوشلۇقى ۋە يۇقىرىقى نەپەس يوللىرىدا ياشايدىغان نورمال باكتېرىيە بولۇپ، بەزىدە كېسەل كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ ئۈچەي شارچە باكتېرىيە توپى ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ ئۈچىيىدە ياشايدىغان نورمال باكتېرىيە، ئۇلار ئۈچەينىڭ سىرتىغا ئۆتۈپ كەتسە يۇقۇملاندۇرىدۇ؛ لاكتوزا شارچە باكتېرىيە توپى سۈت ياسالمىلىرى ۋە ئېچىتىلغان يېمەكلىكلەردە ياشايدۇ، ئادەمدە كېسەل كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ. زەنجىرسىمان شارچە باكتېرىيىلەر <برېئىدچە باكتېرىيىنى باھالاپپ بېكىتىش قوللانمىسى>نىڭ 8 - نەشرىدە فىزىئولوگىيىلىك ۋە بىئوخىمىيىلىك ئالاھىدىلىكى، گېمولىزلىق خۇسۇسىيتى ۋە ئانتىگېنلىق خۇسۇسىيىتىگە ئاساسەن 20 دىن كۆپ تۈرگە بۆلۈنىدۇ، ئۇنىڭ ئىچىدە ئادەم ۋە ھايۋانلاردا كېسەل كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان نۇرغۇن تۈرلەر بار. مەسىلەن، يىرىڭلاتقۇچى شارچە باكتېرىيە ئىنسانلاردا ھەر خىل يىرىڭلاش خاراكتېرلىك ياللۇغىلىنىشلار، سكارىلاتىنا بادام بەز ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ ئۆپكە ياللۇغى زەنجىرسىمان شارچە باكتېرىيىسى (ئەسلى نامى ئۆپكە ياللۇغى قوش شارچە باكتېرىيىسى ئادەملەردە ئۆپكە ياللۇغى، مېڭە پەيدە ياللۇغى، ھايۋانلاردا سېپىتىتسېمىيە ۋە ئۆپكە ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. گەندە زەنجىرسىمان شارچە باكتېرىيىسى ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ ئۈچىيىدە ياشايدىغان نورمال باكتېرىيە بولۇپ، سۇ مەنبەلىرىنىڭ گەندە بىلەن بۇلغىنىش كۆرسەتكۈچى قىلىنىدۇ. لاكتوزا زەنجىرسىمان باكتېرىيىسى لاكتوزىى ئېچىتىپ ئىشلەپچىقىرىش، سۈت ياسالمىلىرى ۋە يېمەكلىكلەرنى ئېچىتىشتا مۇھىم باكتېرىيە ھېسابلىنىدۇ.
领域: ئۇنىۋېرسال链球菌
liàn qiú jūn
关于该词条
这是一个维吾尔语–中文词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。