Uyghur←Chinese主要词典
زەمبۇرۇغ تېگى
بىئولوگىيە
菌托
jūntuō
بەزى بازىدىيىلىك زەمبۇرۇغلارنىڭ خالتىلىق سپورا تېنىنىڭ زەمبۇرۇغ سېپىنىڭ تۈۋىنى ئوراپ تۇرىدىغان پەردىسىمان ماددا. قالپاقلىق زەمبۇرۇغلار ئەترىتى، قورساقلىق زەمبۇرۇغلار ئەترىتى، ئېشەك مەدىكى ئەترىتى قاتارلىقلاردىكى بەزى ئۇرۇقداش ۋە تۈرلەرنىڭ خالتىلىق سپورا تېنىنى دەسلەپكى مەزگىلدە ئوراپ تۇرىدىغان بىر قەۋەت ئورىغۇچى پەردە ياكى يېپىنچا زەمبۇرۇغ دەپ ئاتىلىدۇ. زەمبۇرۇغ سىرتقى پەردىسى زەمبۇرۇغ سېپى ئۇزارغاندا يېرىلىپ كېتىپ، زەمبۇرۇغ سېپىنىڭ تۈۋى قىسمىدا ئىستاكانسىمان زەمبۇرۇغ تېگىنى ھاسىل قىلىدۇ. يەنە، خالتىلىق سپورىلىق زەمبۇرۇغلارنىڭ يۇمشاق پەردىلىك زەمبۇرۇغ ئەترىتىدىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ بەزى ئۇرۇقداش ۋە تۈرلىرىنىڭ خالتىلىق سپورا تېنىنىڭ تۆۋەنكى قىسمىدىكى يېلىمسىمان نېپىز قاسىراقمۇ زەمبۇرۇغ تېگى دەپ ئاتىلىدۇ.