Uyghur←Chinese主要词典
زەمبۇرۇغلۇق يىلتىز
بىئولوگىيە
菌根
jūngēn
بەزى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ زەمبۇرۇغلار بىلەن ئورتاقلىشىپ ياشايدىغان يىلتىزى. بۇ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ؛ بىرى زەمبۇرۇغ يىپچىسى يۇمران يىلتىزنى ئوراپ ياكى قوۋزاق قەۋىتىدىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ ئارىلىق بوشلۇقىغا كىرىپ تۇرىدۇ (ھۈجەيرە ئىچىگە كىرمەيدۇ)، بۇ زەمبۇرۇغ سىرتىدا ئۆسكەن يىلتىز قارىغاي، بۈك دەرىخى، كارپىنوس دەرىخى قاتارلىقلاردا كۆرۈلىدۇ. يەنە بىرى زەمبۇرۇغ يىپچىسى ھۈجەيرىنىڭ ئىچىگە كىرىپ پروتوپلازما بىلەن ئارىلىشىپ كېتىدۇ، بۇ زەمبۇرۇغ ئىچىدە ئۆسكەن يىلتىز دەپ ئاتىلىدۇ. بۇخىل يىلتىز كاككۇكگۈل، تۈلكە مايىقى ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەر، بېدە، كۆك سېغىز، چىغىرتماق، ياڭاق، ئۈجمە، ئۈزۈم، ئالۇچا قاتارلىقلاردا كۆرۈلىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت ئىچىدىمۇ، سىرتىدىمۇ ئۆسىدىغان تۈرلەرمۇ بولىدۇ. مەسىلەن، بۆلجۈرگەن زەمبۇرۇغ ئۆسۈملۈكنى سۇ ۋە نىئورگانىك تۇز بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئۆسۈملۈك ئۇنى ئورگانىك ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەيدۇ. زەمبۇرۇغ يەنە ئېنزىم، ئۆسۈملۈك گورمونى، ۋىتامىن ۋە ئانتىبىئوتىك ماددىلارنى ئاجرىتىپ چىقىرىپ، ھۈجەيرە ئىچىدىكى ماددىلارنىڭ پارچىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن يىلتىز سىستېمىسىنىڭ ئۆسۈشىنى كۈچەيتىدۇ. بەزى زەمبۇرۇغلۇق يىلتىزلاردا يەنە ئازوتنى تۇراقلاشتۇرۇش رولى بولىدۇ.
ئۇنىۋېرسال,ئورمانچىلىق
菌根
jūn gē