Uyghur←Chinese主要词典
زەمبۇرۇغ يىپى
بىئولوگىيە
菌丝
jūnsī
زەمبۇرۇغنىڭ ۋېگېتاتىۋلىق تېنى (زەمبۇرۇغ يىپچە تېنى) نى تۈزىدىغان يىپسىمان ماددا بولۇپ، پۈتۈن قىسمى ئوزۇقلۇق سۈمۈرىدۇ. زەمبۇرۇغ يىپچىلىرىنىڭ بەزىلىرى شاخلىنىدۇ، بەزىلىرى شاخلانمايدۇ؛ ئاساسىي ماددىنىڭ سىرتىدا ئۆسكەن زەمبۇرۇغ يىپچىسى سىرتتا ئۆسكەن زەمبۇرۇغ يىپى، ئىچىدە ئۆسكىنى ئىچىدە ئۆسكەن زەمبۇرۇغ يىپى دەپ ئاتىلىدۇ. ھۈجەيرە ئارىلىق بوشلۇقىدا ئۆسكەن زەمبۇرۇغ يىپچىسى سۈمۈرۈش ئورگىنىنى پارازاىت ئىگىسىنىڭ ھۈجەيرىسىگە كىرگۈزۈپ تۇرىدۇ. زەمبۇرۇغ توسۇقىنىڭ بار - يوقلۇقىغا ئاساسەن توسۇقسىز زەمبۇرۇغ يىپچىسى (مەسىلەن، سۇ كۆكەرتكۈچى زەمبۇرۇغ يىپچىسىدە يادرو كۆپ بولىدۇ)، توسۇقلۇق زەمبۇرۇغ يىپى (مەسىلەن، پېنتسىللىئۇم زەمبۇرۇغى) غا بۆلۈنىدۇ. توسۇقلۇق زەمبۇرۇغى يىپى كۆپ ھۈجەيرىدىن تۈزۈلىدۇ، ئۇنى تۈزىدىغان ھۈجەيرىلەرنىڭ تۈرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ، بىر يادرولۇق، ئىككى يادرولۇق ياكى كۆپ يادرولۇق ئەھۋاللار بولىدۇ.