Uyghur主要词典
زەينەب بىنتى جەھىش
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ خوتۇنلىرىدىن بىرى. ئەسلىي مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ بالا قىلىۋالغان ئوغلى زەيدنىڭ خوتۇنى بولۇپ، 35 يېشىدا زەيدتىن ئاجرىشىپ كەتتى ھەمدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا تەگدى. <قۇرئان كەرىم( نىڭ 33 - سۈرىسىدە ئاسراندى ئوغلىنىڭ ئاجرىشىپ كەتكەن خوتۇنىنى ئالسا بولىدىغانلىقى توغرىسىدا بىر نەچچە ئايەت نازىل بولغان ھەمدە بۇ ئاللانىڭ ئىرادىسى دېيىلگەن. رىۋايەت قىلىنىشىچە، زەينەب يوقسۇللارغا ئىچ ئاغرىتىپ، سېخىيلىق قىلىش بىلەن داڭق چىقارغان. ئۇنىڭغا بېرىلگەن 12 مىڭ تەڭگىنىڭ ھەممىسىنى يوقسۇللارغا ياردەم بېرىشكە سەرپ قىلغان.