Uyghur主要词典
زەيد سۇلالىسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
شىئە مەزھىپىدىكى زەيدلەر يەمەندە قۇرغان ھاكىمىيەت بىلەن دىن بىرلەشتۈرۈلگەن ھۆكۈمەت كۆزدە تۇتۇلىدۇ. دۆلەت باشلىقى ئىمام دېيىلىپ، ئەۋلادتىن ئەۋلادقا قالىدۇ. بۇ سۇلالە دەسلەپكى چاغلاردىكى ۋە يېقىنقى زاماندىكى دەپ ئىككى تارماق جەمەتكە بۆلۈنىدۇ: (1) رەشىد جەمەتى (860 - 1128) نىڭ سۇلالىسىنى ئىمام ھەسەننىڭ ئەۋلادى قاسىم بىننى ئىبراھىم ھىجازدىكى راسس دېگەن زېمىننى ئىگىلىدى. كېيىن بۇ جاي ئۇلارنىڭ بازىسى قىلىندى. ئابباسىيلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان زەيدلەر Ⅸ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ھازىرقى يەمەنگە قېچىپ بېرىپ، ھاكىمىيەت قۇردى. 15 ئىمام ئۆتتى. 1062 - يىلىدىن 1099 - يىلىغىچە باشقا مىللەتلەرنىڭ تاجاۋۇز قىلىشى تۈپەيلىدىن، ھاكىمىيەت بەزىدە ئۈزۈلۈپ قالدى. 1161 - يىلىدىن 1174 - يىلىغىچە ھەمدانىيە سۇلالىسى (1690 - 1150) ۋە ئەييۇبىيە سۇلالىسى تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلدى. (2) قاسىم جەمەتى (1592 - 1762) دىكى قاسىم مەنسۇر (1592 - يىلىدىن 1620 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) نىڭ ئەۋلادى قۇردى. 19 ئىمام ئۆتتى. ئارىلىقتا ھەسەن ۋە باشقا نەسەبلەرنىڭ ئەۋلادلىرى ھاكىمىيەت بېشىغا چىقتى. 1872 - يىلى ئوسمانلى ئىمپېرىيىسى تەرىپىدىن بىر مەھەل ئاغدۇرۇۋېتىلدى. 1890 - يىلى ئىماملىق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. 1918 - يىلى يەمەن مۇتەۋەككىل پادىشاھلىقى دەپ ئاتالدى. شىمالىي يەمەندىكى ئەركىن ئوفىتسېرلار گۇرۇھى 1962 - يىلى 9 - ئاينىڭ 26 - كۈنى ئىنقىلاب قوزغاپ، ئاخىرقى ئىمام دۆلىتىنى ئاغدۇرۇۋېتىپ، ئەرەب - يەمەن جۇمھۇرىيىتىنى قۇردى.