Uyghur主要词典
زەي
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسم
ئۆچكە تېرىسىدىن تىلىپ ياسالغان تاسما، شوينا.
تاش ئۈستىدە پادىچى، قولىدا زەي قامچىسى.* زەينى چىڭ تارتماق.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
جىيەك، زىغزىق.
ئايشەمگۈل كۆڭلىكىنىڭ ئېتىكىگە زەي تۇتۇپتۇ.
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت.
نەم، ئاستىدىن نەم ئۆرلەپ تۇرىدىغان يەر.
زەي يەر . * زەيكەش قېزىپ، يەرنىڭ زېيىنى چىقاردۇق. * تام زەيدىن ئۆرۈلەر، ئادەم غەمدىن (تەمسىل).
مەنىداش سۆزلۈكلەر
سۇ سىڭگەن، سۇلۇق.
ئۇيقۇ غەمدىن قاچار، بۈرگە نەمدىن. ئېغىزنى نەم قىلماي سۇ ئىچكىلى بولماس. زەي دېسەڭ، زەيكەش چاپ. خوتۇننى زېرىكتۈرەي دېسەڭ، ھۆل ئوتۇن ئېلىپ بەر. ئادەم دېگەن ھۆل نېمە. چى يەر - نەم يەر.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
تەركىبىدە سۇيۇقلۇق كۆپ. ھۆل ئوتۇن، زەي ئۆي
قۇرۇق ، قۇرغاق، قاقشال
تەركىبىدە سۇيۇقلۇق يوق ياكى تۈگەپ كەتكەن. قۇرۇق ئوتۇن، قۇرۇق ئۆي
قۇرۇق ياغاچ ئېگىلمەس. قۇرغاق شاختا مېۋە يوق، قۇرۇق سۆزدە مەنە (يوق). قاقشال دەرەختە مېۋە بولماس، قۇرۇق گەپتە مەنە (بولماس). ئىشتىنىڭنى ھۆل قىلماي بېلىق تۇتىمەن دېمە. ئۇيقۇ غەمدىن قاچىدۇ، بۈرگە نەمدىن. تام زەيدىن ئۆرۈلەر، ئەر غەمدىن.
شىۋىلەر
قەشقەر شىۋىسى
ئوقيانىڭ ياكى پاختا ئاتېدىغان دۇكاننىڭ كىرىچى.
شىۋىلەر
خوتەن شىۋىسى
كىرىچ، ئۆچكە تېرىسىدىن تىلىپ ئىشلەنگەن شوينا. مەسىلەن: زەي قامچا _ زەيدىن ياسالغان قامچا.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
سۇ ئورنىنىڭ يۇقىرى، ھۆل - يېغىننىڭ كۆپ بولۇشى بىلەن تۇپراقتىكى ئېشىپ كەتكەن كۆپ مىقداردىكى سۇ، نەملىك.
زەي تارتماق. زەي قاچۇرماق.
زەي يەر.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئۆچكە تېرىسىدىن ئىشلەنگەن شوينا، تاسما.
تاش ئۈستىدە پادىچى، قولىدا زەي قامچىسى.
ئوقيا ياكى پاختا ئېتىش دۇكىنىنىڭ كىرىچى.
زەينى چىڭ تارتماق. زەي سالماق.
قوينىڭ ئاچچىق ئۈچىيىدىن ياسالغان تار.
سول ياقتا ھەر خىل زەي ۋە سىم تارلىق چالغۇلۇق سازچىلار بىر - بىرىگە تەڭكەش قىلىپ ساز چالاتتى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
ئۆي جاھازلىرى ياكى پىچاق تىغى قاتارلىقلارنىڭ ئۈستىگە ئويۇپ چىقىرىلغان ئېرىقچە.
ئىشكاپنىڭ زېيى. پىچاقنىڭ زېيى.
دوپپا، شەپكە قاتارلىقلارنىڭ چۆرىسىگە تۇتۇلىدىغان جىيەك.
جۇۋا، كۆرپە، ئۆتۈك قونچى، دىۋان قېپى قاتارلىقلارنىڭ تىكىچ ئارىلىقىغا ئېلىنغان زىغزىق.
سىر بىلەن ئىشلەنگەن زەدىۋال ئۈستىگە سىر ياكى باشقا نەرسىنى چاپلاش ئارقىلىق چىقىرىلغان سىزىقچە، يول.