Uyghur主要词典
زەھرە
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ئۆت، سەيرا:
كۆچمە م: جۈرئەت، شىجائەت، جاسارەت:
ئىنتىلىش، بېرىلىش؛ مايىل، ھەۋەس:
قۇلاقى گىلەمدەك، ككزى چۇن رىكاب،
بولۇر زەھرە پارە كىشى كۆرسە خاب.
ئا. نىزارى.
2. لېك ئانىڭ سارى باقارغا زەھرە يوق،
كۆزگە ئول جانىب تەزەردىن بەھرە يوق.
نەۋايى.
3. ۋەفا ئىزدە شەۋقى ۋەفاداردىن،
كۆڭۈل بەرمە دۇنياغە ئوي زەھرە تۇرش.
شەۋقى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئۆت، ئۆت خالتىسى. كۆچمە مەنىسى: باتۇرلۇق، يۈرەكلىك، جۈرئەت، شىجائەت: زەھرى يېرىلماق - قورقۇپ كەتمەك؛ زەھر تەرەك - قورقۇپ يۈرىكى يېرىلماق، قورقۇپ جېنى چىقماق؛ زەھرەدار - باتۇر، يۈرەكلىك، زەھرەدان - ئۆت خالتىسى.