Uyghur←Chinese主要词典
زەھەر ئەتكەسچىلىكى قىلىش، ئېلىپ - سېتىش، توشۇش ۋە ياساش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
走私,贩卖,运输,制造毒品罪
zǒu sī ,fàn mài ,yùn shū ,zhì zào dú pǐn zuì
بۇ - ئەپيۇن، خروئېن، مورفىن، نەشە، كوكايىننى ھەم گوۋۇيۈەن تىزگىنلەشنى بەلگىلىگەن خۇمار پەيدا قىلىدىغان باشقا ھۇشسىزلاندۇرۇش دورىسى ۋە روھىي كېسەللىك دورىسىنى ئەتكەسچىلىك قىلىش بىلەن شۇغۇللانغان، ئېلىپ - ساتقان، توشۇغان، ياسىغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ زەھەرلىك بۇيۇملارنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە خەلقنىڭ ھاياتى، ساغلاملىقى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە زەھەر ئەتكەسچىلىكى قىلىش، ئېلىپ - سېتىش، توشۇش ۋە ياساش قىلمىشىنى سادىر قىلغان بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت (تەبىئىي شەخس ۋە ئورۇنلار) بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. ئەگەر ئېنىق بىلمەي، باشقىلار تەرىپىدىن پايدىلىنىپ ياكى ئالدىنىپ كېتىپ، زەھەر ئەتكەسچىلىكى قىلىش، ئېلىپ - سېتىش، توشۇش ۋە ياساش قىلمىشىنى ئېلىپ بارغان بولسا، بۇ جىنايەت شەكىللەنمەيدۇ.
347 - ماددا زەھەرلىك بۇيۇم ئەتكەسچىلىكى قىلغان، ئېلىپ - ساتقان، توشۇغان ۋە ياسىغانلار، مىقدارىنىڭ قانچىلىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جىنايى جاۋابكارلىققا ۋە جىنايى جازاغا تارتىلىدۇ.
زەھەرلىك بۇيۇم ئەتكەسچىلىكى قىلغان، ئېلىپ - ساتقان، توشۇغان ۋە ياسىغانلاردىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلىرىغا 15 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى، مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ:
(1) ئەتكەسچىلىك قىلغان، ئېلىپ - ساتقان، توشۇغان ۋە ياسىغان ئەپيۇن 1000 گرامدىن، خروئېن ياكى مېتىلامفېتامىن 50 گرامدىن كۆپ بولغانلار ياكى باشقا زەھەرلىك بۇيۇم مىقدارى كۆپ بولغانلار؛
(2) زەھەرلىك بۇيۇم ئەتكەسچىلىكى قىلىش، ئېلىپ - سېتىش، توشۇش، ياساش گۇرۇھىدىكى باش ئۇنسۇرلار؛
(3) زەھەرلىك بۇيۇم ئەتكەسچىلىكى قىلغۇچى، ئېلىپ - ساتقۇچى، توشۇغۇچى ۋە ياسىغۇچىلارنى قوراللىق قوغدىغانلار؛
(4) تەكشۈرۈشكە، توختىتىپ قويۇشقا ۋە قولغا ئېلىشقا زورلۇق بىلەن قارشىلىق كۆرسەتكەنلەردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلار؛
(5) تەشكىللىك ئېلىپ بېرىلغان خەلقئارا زەھەرلىك بۇيۇم ئەتكەسچىلىكىگە قاتناشقانلار.
ئەتكەسچىلىك قىلغان، ئېلىپ - ساتقان، توشۇغان ۋە ياسىغان ئەپيۇن 200 گرامدىن كۆپ، 0100 گرامدىن ئاز، خروئېن ياكى مېتىلامفېتامىن 10 گرامدىن كۆپ، 50 گرامدىن ئاز بولغان ياكى باشقا زەھەرلىك بۇيۇمنىڭ مىقدارى كۆپرەك بولغانلارغا يەتتە يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.
ئەتكەسچىلىك قىلغان، ئېلىپ - ساتقان، توشۇغان ۋە ياسىغان ئەپيۇن 200 گرامدىن ئاز، خروئېن ياكى مېتىلامفېتامىن 10 گرامدىن ئاز ياكى باشقا زەھەرلىك بۇيۇم مىقدارى ئاز بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.
ئورۇنلاردىن 2 -، 3 -، 4 - تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلىرىغا شۇ تارماقلاردىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ئىشقا سېلىپ ۋە كۈشكۈرتۈپ، زەھەرلىك بۇيۇم ئەتكەسچىلىكى قىلغان، ئېلىپ - ساتقان، توشۇغان ۋە ياسىغان ياكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە زەھەرلىك بۇيۇم ساتقانلارغا ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.
زەھەرلىك بۇيۇم ئەتكەسچىلىكى قىلىش، ئېلىپ - سېتىش، توشۇش ۋە ياساش قىلمىشلىرىنى كۆپ قېتىم سادىر قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنمىغانلارنىڭ زەھەرلىك بۇيۇم مىقدارى قوشۇپ ھېسابلىنىدۇ.
356 - ماددا زەھەرلك بۇيۇم ئەتكەسچىلىكى قىلىش، ئېلىپ - سېتىش، توشۇش، ياساش ۋە ئىلكىدە قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرۇش جىنايىتى ئۆتكۈزۈپ جازا ھۆكۈم قىلىنغانلاردىن مۇشۇ پاراگرافتا بەلگىلەنگەن جىنايەتلەرنى يەنە ئۆتكۈزگەنلىرىگە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.
357 - ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان زەھەرلىك بۇيۇم ئەپيۇن، خروئېن، مېتىلامفېتامىن، مورفىن، نەشە، كوكايىنلارنى ھەم دۆلەت تىزگىنلەشنى بەلگىلىگەن ئادەمنى خۇمار قىلالايدىغان باشقا ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي كېسەل دورىلىرىنى كۆرسىتىدۇ.
زەھەرلىك بۇيۇم مىقدارى ئەتكەسچىلىك قىلغان، ئېلىپ - سېتىلغان، ياسالغان ۋە ئىلكىدە قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرۇلغان زەھەرلىك بۇيۇمنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان نەق مىقدارى بويىچە ھېسابلىنىدۇ، ساپلىق دەرىجىسى بويىچە سۇندۇرۇپ ھېسابلانمايدۇ.
ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ <>مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ زەھەرلىك چېكىملىكلەرنى چەكلەش توغرىسىدىكى قارارى< نى ئىجرا قىلىشتىكى بىرقانچە مەسىلە توغرىسىدىكى ئىزاھات> نى بېسىپ تارقاتقانلىق ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشى
(1994 - يىل 12 - ئاينىڭ 20 - كۈنى)
س[1994] 30 - نومۇرلۇق
2. زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى، ئېلىپ - سېتىش، توشۇش، ياساش جىنايىتى
<قارار> نىڭ 2 - ماددىسىنىڭ 1 - تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسلانغاندا زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى زەھەرلىك چېكىملىك ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۇنى قانۇنسىز توشۇپ، يېنىغا سېلىپ ۋە پوچتا ئارقىلىق چېگرادىن ئۆتكۈزۈش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ؛ ئەتكەسچىلەردىن ئەتكەسچىلىك يولى بىلەن ئىمپورت قىلىنغان زەھەرلىك چېكىملىكلەرنى قانۇنسىز ھالدا بىۋاستە سېتىۋالغان ياكى ئىكچى دېڭىز ۋە دېڭىز تەۋەسىدە زەھەرلىك چېكىملىكلەرنى توشۇغان، سېتىۋالغان، ئېلىپ - ساتقانلار زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىرى قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. زەھەرلىك چېكىملىكلەرنى ئېلىپ - سېتىش زەھەرلىك چېكىملىك ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇقلۇق، ئۇنى قانۇنسىز سېتىش ياكى ئېلىپ - سېتىش مەقسىتىدە قانۇنسىز سېتىۋېلىش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ. زەھەرلىك چېكىملىكلەرنى توشۇش زەھەرلىك چېكىملىك ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇقلۇق، ئۇنى يېنىغا سېلىۋېلىش، پوچتا ئارقىلىق ئەۋەتىش، باشقىلارنى ئىشقا سېلىش ياكى قاتناش قورالى ئىشلىتىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، قانۇنسىز توشۇش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ. زەھەرلىك چېكىملىكلەرنى ياساش زەھەرلىك چېكىملىك چىقىدىغان ئۆسۈملۈكلەرنى قانۇنسىز ھالدا بىۋاستە چەككىلەپ ياكى خىمىيىۋى ئۇسۇللار بىلەن پىششىقلاپ ئىشلەپ، زەھەرلىك چكىملىكلەرنى ياساش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ.
بۇ - تاللاش خاراكتېرلىك جىنايەت نامى بولۇپ، زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى، ئېلىپ - سېتىش، توشۇش، ياساش قىلمىشىدىن بىرىنى سادىر قىلغانلارنىڭ جىنايىتى شۇ جىنايەت نامى بويىچە بېكىتىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئىككى خىلدىن ئارتۇق قىلمىشنى سادىر قىلغان، مەسىلە، خروئېن توشۇغان، ئېلىپ - ساتقانلار قوشۇپ جازالانماستىن، ئۇلارنىڭ جىنايىتى زەھەرلىك چېكىملىكلەرنى توشۇش، ئېلىپ - سېتىش جىنايىتى دەپ بېكىتىلىدۇ.
ئوخشاش خىلدىكى زەھەرلىك چېكىملىكلەرنى توشۇغان، ئېلىپ - ساتقان بولسا، زەھەرلىك چېكىملىكلەرنىڭ مىقدارى تەكرار ھېسابلانمايدۇ؛ تۈرى ئوخشاشمىغان زەھەرلىك چېكىملىكلەرنىڭ مىقدارى قوشۇپ ھېسابلىنىدۇ.
زەھەرلىك چېكىملىكلەرنى ئېلىپ - سېتىشتا ۋاسىتىچى بولغانلار پايدا ئېلىش - ئالماسلىقىدىن قەتئىينەزەر، زەھەرلىك چېكىملىكلەرنى ئېلىپ - سېتىش جىنايىتىدىكى ئورتاق جىنايەتچى قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىرىدىن يەنە باشقا بۇيۇملار ئەتكەسچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى ۋە شەكىللەندۈرگەن باشقا ئەتكەسچىلىك جىنايىتى بويىچە ئايرىم - ئايرىم جىنايەت بېكىتىلىپ، قوشۇپ جازالىنىدۇ.
ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ زەھەر جىنايىتى دېلولىرىنى سوت قىلىشتا جىنايەت بېكىتىپ جازا ئۆلچەش ئۆلچىمىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئىزاھاتى
(2000 - يىل 6 - ئاينىڭ 10 - كۈنى)
1 - ماددا تۆۋەندىكى زەھەر ئەتكەسچىلىكى بىلەن شۇغۇللانغان، ئۇنى ئېلىپ - ساتقان، توشۇغان، ياسىغان، ئىلكىدە قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرغانلارنى جىنايى ئىشلار قانۇنى 347 - ماددىسىنىڭ ئىككىنچى تارماق (1) تارماقچىسىدا، 348 - ماددىسىدا بەلگىلەنگەن <باشقا زەھىرىنىڭ مىقدارى كۆپ بولغانلار> دەپ بېكىتىش لازىم:
(1) ئامفېتامىن تۈرىدىكى زەھىرى (مېتىلامفىتامىننى ھېسابقا ئالمىغاندا) 100 گرامدىن كۆپ بولغانلار؛
(2) كەندىر يېغى 5000 گرامدىن، كەندىر يېغى قېتىشمىسى 10 مىڭ گرامدىن، كەندىر يوپۇرمىقى ۋە نەشىسى 150 گرامدىن كۆپ بولغانلار؛
(3) كوكائىنى 50 گرامدىن كۆپ بولغانلار؛
(4) مورفىنى 100 گرامدىن كۆپ بولغانلار؛
(5) دولانتىنى 250 گرامدىن كۆپ بولغانلار (011 مىللىگراملىق ئوكۇل دورىسى 2500 تالدىن كۆپ، 500 مىللىگراملىق ئوكۇل دورىسى 5000 تالدىن كۆپ بولغانلار؛ 25 مىللىگراملىق تابلېت دورىسى 10 مىڭ تالدىن كۆپ، 50 مىللىگراملىق تابلېت دورىسى 5000 تالدىن كۆپ بولغانلار)؛
(6) دىھىدرو ئېتورفىن ھىدورخلورىدى 10 مىللىگرامدىن كۆپ بولغانلار (20 مىللىگراملىق ئوكۇل دورىسى ياكى تابلېت دورىسى 500 تالدىن كۆپ بولغانلار)؛
(7) كاففېنى 200 مىڭ گرامدىن كۆپ بولغانلار؛
(8) كۆكنار غوزىكى 200 مىڭ گرامدىن كۆپ بولغانلار؛
(9) يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن زەھەردىن باشقا زەھىرىنىڭ مىقدارى كۆپ بولغانلار.
2 - ماددا تۆۋەندىك زەھەر ئەتكەسچىلىكى بىلەن شۇغۇللانغان، ئۇنى ئېلىپ - ساتقان، توشۇغان، ياسىغان، ئىلكىدە قانۇنسىز تۇتۇپ تۇغانلارنى جىنايى ئىشلار قانۇنى 347 - ماددىسىنىڭ 3 - تارمىقىدا، 348 - ماددىسىدا بەلگىلەنگەن <باشقا زەھىرىنىڭ مىقدارى كۆپ بولغانلار> دەپ بېكىتىش لازىم:
(1) ئامفېتامىن تۈرىدىكى زەھىرى (مېتىلامفىتامىننى ھېسابقا ئالمىغاندا) 20 گرامدىن كۆپ، 100 گرامدىن ئاز بولغانلار؛
(2) كەندىر يېغى 1000 گرامدىن كۆپ، 5000 گرامدىن ئاز بولغانلار، كەندىر يېغى قېتىشمىسى 2000 گرامدىن كۆپ، 10 مىڭ گرامدىن ئاز بولغانلار، كەندىر يوپۇرمىقى ۋە نەشىسى 30 مىڭ گرامدىن كۆپ، 150 مىڭ گرامدىن ئاز بولغانلار؛
(3) كوكائىنى 10 گرامدىن كۆپ، 100 گرامدىن ئاز بولغانلار؛
(4) مورفىنى 20 گرامدىن كۆپ، 100 گرامدىن ئاز بولغانلار؛
(5)دولانتىنى 50 گرامدىن كۆپ، 250 گرامدىن ئاز بولغانلار (100 مىللىگراملىق ئوكۇل دورىسى 500 تالدىن كۆپ، 2500 تالدىن ئاز بولغانلار، 50 مىللىگراملىق ئوكۇل دورىسى 1000 تالدىن كۆپ، 5000 تالدىن ئاز بولغانلار؛ 502 مىللىگراملىق تابلېت دورىسى 2000 تالدىن كۆپ، 10 مىڭ تالدىن ئاز بولغانلار، 50 مىللىگراملىق تابلېت دورىسى 1000 تالدىن كۆپ، 5000 تالدىن ئاز بولغانلار)؛
(6) دىھىدرو ئېتورفىن ھىدروخلورىدى ئىككى مىللىگرامدىن كۆپ، 10 مىللىگرامدىن ئاز بولغانلار (20 مىللىگراملىق ئوكۇل دورىسى ياكى تابلېت دورىسى 100 تالدىن كۆپ، 500 تالدىن ئاز بولغانلار)؛
(7) كاففېنى 50 مىڭ گرامدىن كۆپ، 200 مىڭ گرامدىن ئاز بولغانلار؛
(8) كۆكنار غوزىكى 50 مىڭ گرامدىن كۆپ، 002 مىڭ گرامدىن ئاز بولغانلار؛
(9) يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن زەھەردىن باشقا زەھىرىنىڭ مىقدارى كۆپ بولغانلار.
3 - ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، جىنايى ئىشلار قانۇنى 347 - ماددىسىنىڭ 4 - تارمىقىدا بەلگىلەنگەندەك <قىلمىشى ئېغىر> دەپ بېكىتىلسە بولىدۇ:
(1) زەھەر ئەتكەسچىلىكى بىلەن شۇغۇللانغان، ئۇنى ئېلىپ - ساتقان، توشۇغان، ياسىغان ئەپيۇنى 140 گرامدىن كۆپ، 200 گرامدىن ئاز، خروئېنى ياكى مېتىلامفىتامىنى يەتتە گرامدىن كۆپ، 10 گرامدىن ئاز بولسا ياكى باشقا مىقدارى زەھەرنىڭكىگە باراۋەر بولسا؛
(2) دۆلەت خادىملىرى زەھەر ئەتكەسچىلكى بىلەن شۇغۇللانغان، ئۇنى ياسىغان، توشۇغان، ئېلىپ - ساتقان بولسا؛
(3) زەھەر تاشلىغۇچىلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورۇنلىرىدا زەھەر ئېلىپ - ساتقان بولسا؛
(4) زەھەرنى كۆپ ئادەمگە ياكى كۆپ قېتىم ئېلىپ - ساتقان بولسا؛
(5) باشقا ئېغىر قىلمىشى بولسا.