Uyghur←Chinese主要词典
زەھەرنى، زەھەر جىنايىتىدىن بولغان ھارام پۇلنى ساقلاپ بېرىش، يۆتكىۋېتىش ۋە يوشۇرۇپ بېرىش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
窝藏,转动,隐瞒毒品,毒赃罪
wō cáng ,zhuǎn dòng ,yǐn mán dú pǐn ,dú zāng zuì
بۇ - جىنايەتچى ئۇنسۇرلارنىڭ زەھەرلىك بۇيۇمنى ياكى جىنايەت ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق تاپقان پۇل - مالنى قەستەن ساقلاپ بەرگەن، يۆتكەپ بەرگەن ۋە يوشۇرۇپ بەرگەن قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ زەھەرلىك بۇيۇم جىنايەتلىرىگە قارشى كۈرەش قىلىشتىك نورمال پائالىيىتى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە جىنايەتچى ئۇنسۇرلارنىڭ زەھەرلىك بۇيۇمنى ياكى جىنايەت ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق تاپقان پۇل - مالنى ساقلاپ بەرگەن، يۆتكەپ بەرگەن ۋە يوشۇرۇپ بەرگەن قىلمشنى سادىر قىلغان بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
349 - ماددا زەھەرلىك بۇيۇم ئەتكەسچىلىكى قىلغان، ئېلىپ - ساتقان، توشۇغان ۋە ياسىغان جىنايەتچىلەرنى قانات ئاستىغا ئالغانلار، جىنايەتچىلەرنىڭ زەھەرلىك بۇيۇمنى ياكى جىنايەت ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق تاپقان پۇل - مېلىنى ساقلاپ، يۆتكەپ ۋە يوشۇرۇپ بەرگەنلەرگە ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
زەھەرلىك بۇيۇم ئەتكەسچىلىرىنى تۇتقۇچىلار ياكى دۆلەت ئورگانلىرىدىكى باشقا خادىملاردىن زەھەرلىك بۇيۇم ئەتكەسچىلىكى قىلغان، ئېلىپ - ساتقان، توشۇغان ۋە ياسىغان جىنايەتچىلەرنى قوغدىغان، قانات ئاستىغا ئالغانلىرىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.
ئالدىنقى ئىككى تارماقتىك جىنايەتنى ئۆتكۈزۈپ ئالدىن تىل بىرىكتۈرۈۋالغانلار زەھەرلىك بۇيۇم ئەتكەسچىلىكى قىلغان، ئېلىپ - ساتقان، توشۇغان ۋە ياسىغان ئورتاق جىنايەتچى قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
356 - ماددا زەھەرلك بۇيۇم ئەتكەسچىلىكى قىلىش، ئېلىپ - سېتىش، توشۇش، ياساش ۋە ئىلكىدە قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرۇش جىنايىتى ئۆتكۈزۈپ جازا ھۆكۈم قىلىنغانلاردىن مۇشۇ پاراگرافتا بەلگىلەنگەن جىنايەتلەرنى يەنە ئۆتكۈزگەنلىرىگە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.
ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ <>مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ زەھەرلىك چېكىملىكلەرنى چەكلەش توغرىسىدىكى قارارى< نى ئىجرا قىلىشتىكى بىرقانچە مەسىلە توغرىسىدىكى ئىزاھات> نى بېسىپ تارقاتقانلىق ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشى
(1994 - يىل 12 - ئاينىڭ 20 - كۈنى)
س[1994] 30 - نومۇرلۇق
5. زەھەرلىك چېكىملىك ۋە جىنايى قىلمىش ئارقىلىق تاپقان پۇل - بېساتلارنى ساقلاپ بېرىش جىنايىتى
<قارار> نىڭ 4 - ماددىسىنىڭ 1 - تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسلانغاندا، زەھەرلىك چېكىملىك ۋە جىنايى قىلمىش ئارقىلىق تاپقان پۇل - بېساتلارنى ساقلاپ بېرىش جىنايىتى زەھەرلىك چېكىملىك ياكى جىنايى قىلمىش ئارقىلىق تاپقان پۇل - بېسات ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇقلۇق، جىنايەتچىلەر ئۈچۈن ساقلاپ، يۆتكەپ، يوشۇرۇپ بېرىش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ.
<قارار> دىكى زەھەرلىك چېكىملىك ۋە جىنايى قىلمىش ئارقىلىق تاپقان پۇل - بېساتلارنى ساقلاپ بېرىش جىنايىتى ھەققىدىك بەلگىلىمە جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 172 - ماددىسىنىڭ تولۇقلىمىسى. شۇڭا، زەھەرلىك چېكىملىك ۋە جىنايى قىلمىش ئارقىلىق تاپقان پۇل - بېساتلارنى ساقلاپ بەرگەنلەرنى <قارار> نىڭ 4 - ماددىسىنىڭ 1 - تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە بىنائەن جىنايەت بېكىتىپ جازالاش كېرەك.