Uyghur←Chinese主要词典
زەھەر چىش
بىئولوگىيە
毒牙
dúyá
زەھەرلىك يىلانلارنىڭ ئاغزىدىكى زەھەر سۇيۇقلۇقىنى يەتكۈزۈپ بېرىشكە ئىشلىتىدىغان چىشى. ئۇلار ئۈستۈنكى جاغدا ئۆسكەن بىر جۈپ ياكى بىر قانچە جۈپ بولۇپ، ئادەتتىكى چىشلاردىن ئۇزۇن، زەھەر بېزىگە تۇتاشقان بولىدۇ. زەھەر بېزىدىكى زەھەر سۇيۇقلۇقى چىش ئارقىلىق چىشلەنگەن ھايۋان بەدىنىگە كىرگۈزۈلىدۇ. تۈزۈلۈشىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، زەھەر چىشنى ئىككى خىلغا بۆلۈشكە بولىدۇ؛ بىر خىلى ئېرىقلىق چىش دېيىلىپ چىش يۈزىدە ئۇزۇنىغا كەتكەن بىر ئېرىقچىسى بولىدۇ. ئۇ كۆزەينەكلىك يىلان قاتارلىقلاردا ئۇچرايدۇ. يەنە بىر خىلى نەيچە چىش دېيىلىپ چىش ئوتتۇرىسىدا نەيچە بوشلۇقى بولىدۇ. ئۇ چار يىلان ئۇچلۇق تومشۇقلۇق يىلان قاتارلىقلاردا ئۇچرايدۇ.