Uyghur主要词典
زەبت
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئىگىلەش، قولىغا ئېلىش، ئىشغال قىلماق.
جەھان ئىچرە زەبتىم سالىپ تۇمتەراق،
كېلۇر بولدى رۇمغە ياقىنۇ يىراق.
ئا. نىزارى، ن. زىيائى.
2. ھەمە ئالىي نەسەب ئەۋلادى ئەئيان،
ئۇمۇرى مەملەكەتكە زەبتى ئەركان.
ناقىس.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
تۇتماق، ئالماق، ئىگەللىمەك، ئىشغال قىلماق، قولغا كىرگۈزمەك: زەبت قىلماق - ئىگەلىممەك، تۇتماق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىر دۆلەت باشقا بىر دۆلەتنى قورال كۈچى بىلەن بېسىۋېلىش. <قىلماق> بىلەن پېئىللىشىدۇ.
تارىختا موڭغۇل ئىستىلاچىلىرى نۇرغۇن ئەللەرنى ئىستىلا قىلغانىدى. 1990 - يىلى 8 - ئايدا ئىراق كۇۋەيتنى ئىشغال قىلىپ، ئاخىر دېڭىز قولتۇقى ئۇرۇشى پارتلىدى.