Chinese→Uyghur主要词典
杂种优势预测
بىئولوگىيە
شالغۇت ئەۋزەللىكىنى ئالدىن ئۆلچەش
ئېرسىيەتچانلىقى ئوخشاش بولمىغان ئىككى سورت ياكى تىپنى چېتىشتۇرۇشتىن ھاسىل بولغان شالغۇت بىرىنچى ئەۋلادنىڭ ياشاش كۈچى، ئۆسۈش كۈچى، ماسلىشىشچانلىقى، ناچار شارائىتقا قارشى تۇرۇش خۇسۇسىيىتى ۋە ھوسۇل بېرىش جەھەتتە ئىككى ئەجدادىدىن يۇقىرى تۇرىدۇ. بۇخىل ئەجدادىدىن ئېشىپ كېتىش ھادىسىسى شالغۇت ئەۋزەللىكى دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ جانلىقلارنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى بىر قاتار فىزىئولوگىيىلىك ئالماشتۇرۇش ۋە مورفولوگىيىلىك ھاسىل بولۇش جەريانىنىڭ ئومۇمىي نەتىجىسى. شۇڭا شالغۇت ئەۋزەللىكى كۆپلىگەن فىزىئولوگىيىلىك ئاكتىپ ماددىلارنىڭ سۈپىتى، مىقدارى ھەمدە ئاكتىپلىقى ۋە تەڭشىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئۇنىڭ ئاساسلىق كۆرسەتكۈچلىرىدىن تۆۋەندىكىلەر بار؛ ھەر خىل گورمون، ۋېتامىن، پىگمېنت، يارو كىسلاتاسى، ئېنزىم، بەزى فوسفورلۇق بىرىكمىلەر، بولۇپمۇ ATP تۈرىدىكى ماددىلار، ئامىنو كىسلاتاسى ۋە ئاقسىل، كراخمال ئالماشتۇرۇش ۋە ئوكسىدسىزلانغان قەنتلەرنىڭ توپلىنىشى قاتارلىقلار؛ يوپۇرماق يۈزىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى، خلوروفىل مىقدارى، تۈزۈلۈشى ۋە ئىقتىدارى؛ نەپەسلىنىش كۈچىنىشى ۋە ئوكسىدسىزلىنىشى، فوتوسىنتېزنىڭ كۈچىنىشى ۋە ھالەت ئۆزگىرىشى؛ ھۈجەيرە بۆلۈنۈش قېتىم سانى ۋە سۈرئىتى، ھۈجەيرە ۋە ھۈجەيرە يادروسىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى، ھاۋا تۆشۈكىنىڭ ئېچىلىش ۋاقتى، قاناللار باغلىمى ھاسىل بولۇشنىڭ نىسپىي تېزلىكى؛ بىئو ئېلېكترغا مۇناسىۋەتلىك كۆرسەتكۈچلەر ھەمدە قان زەردابىنىڭ چۆكمىگە ئۆتۈشى قاتارلىقلار. ئەجدادنىڭ ئىرسىيەتلىك ئىپادىلىنىشىگە ئاساسەن، شالغۇت كېيىنكى ئەۋلادنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنى دەل كەلتۈرۈپ چىقىرىش ھازىرغىچە ئەمەلگە ئاشمىدى. شۇڭا كىشىلەر ئىقتىسادىي پايدىسى بولغان ئالامەتلەردىن پايدىلىنپ مولېكۇلا بىئولوگىيىسى (فىزىئولوگىيە، بىئوخىمىيە، ئىممونو گېنېتىكا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) كۆرسىتىپ بەرگەن فىزىئولوگىيىلىك ۋە بىئوخىمىيىلىك كۆرسەتكۈچلەرنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ ياردىمى ئارقىلىق شالغۇت ئەۋزەللىكىنى بالدۇر ئۆلچەش، ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش يىلىنى قىسقارتىش ۋە ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى كۆپرەك ئۈمىد قىلماقتا. بۇ شالغۇت ئەۋزەللىكىنى ئالدىن ئۆلچەشتىن ئىبارەت. ھازىر بۇ ساھەدە كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان مەنزىل نامايەن بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەت بىئولوگىيە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.