Uyghur主要词典
زار
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
پەرياد، يىغا، پىغان، ئاھ:
يىغلىغۇچى، پەرياد چەككۈچى، ئاھ تارتقۇچى:
غەمكىن، دەردلىك، ھەسرەتلىك؛ بىچارە، ئاجىز، كۈچسىز، ناتىۋان، خار:
بەقالىق يار ھۆسنىن كۆرە ئالماي،
كى زار ئولغۇڭ ئاڭا قىلساڭ نەزارە.
ئەرشى.
يەتسۇ قايدىن نالەئى زارىم قۇلاغىغە ئانىڭ،
چالدۇرر غەۋغا بىلەن بەزمىغە ئول چەڭۇ - رەباب.
قەلەندەر.
2. زار كۆڭلۈم سايرار ئول رۇخسارەئى نىكۇ كۆرۈپ،
ئەندەلىبى خۇش نەۋا يەڭلىغ گۇلى خۇشبۇ كۆرۈپ،
مەشھۇرى.
3. كۆردۈم نۇرىنكى زار ئاشىق،
بولدۇم ئاڭا مەنكى يارى سادىق.
موللا سالېھ.
سېنىڭ ۋەسلىڭ تەمەننا ئەيلەپ ئەي گۇل، يىلاندەك تولغانۇر بۇ جىسمى زارىم.
خىرقىتى.
4. كى يەئنى ئاتا ۋە ئانام باردۇر،
مېنى كۆرگەلى ھەم ئۇلار زادۇر.
ئ. نىزارى، ن. زىيائى.
مۇھتاج، تەشنا:
ئىسىملارغا قوشۇلۇپ يەر، جاي ناملىرىنى بىلدۈرىدۇ. مەسىلەن: گۈلزار؛ بىنەفشەزار؛ سەبزەزار، دېگەندەك.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچە؛ يىغا، يىغلىماق؛ ئېچىنىشلىق، قايغۇلۇق، ئەلەملىك، بىچارە، نالە قىلماق؛ گۈلزار - گۈللۈك؛ لالەزار - لالىزارلىق.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
زىيان يەتكۈزىدىغان، زىيانلىق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تەلەپ، ئۆتۈنچ.
كەلگەن دوستقا تار بولساڭ، كېلەر دوستقا زار بولىسەن. دوستقا زار، دۈشمەنگە خار، نامەردكە ئىنتىزار بولما. نائەھلىگە مۇشتاق بولما.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قاتتىق جاپا ۋە ياكى غەمدىن كۆڭلى بۇزۇلۇپ كۆزدىن ياش چىقىش، ھۆڭگىرىگىتىپ يىغلاش.
ئانىغا يىغا، بالىغا كۈلكە. بوۋاينىڭ ناخشىسى زار بىلەن توختايدۇ. تۈلكىنىڭ توۋىسى، مۇغەمبەرنىڭ نەۋھىسى. ئۆلۈم ئۇزاتقاندا يىغا - زار قىلىش بىر ئادەت، يىغا - زاردىن كىمنىڭ ئېچىنغانلىقىنى ۋە كىمنىڭ خۇشال بولغانلىقىنى بىلگىلى بولماس.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
كۆرۈشۈشكە ياكى ئېرىشىشكە تەشنالىق ھېسسى.
بىزار
يىرگىنچ ھېسسى.
بېلىقچى تاڭغا ئىنتىزار، ئوۋچى ئىتىنى ماختار. بىرى كۈن نۇرىغا چۆمۈلىسە، بىرى ئاي نۇرىغا زار. دىلئازاردىن خۇدا بىزار. قېرىنداشلارنىڭ ئارازى بار، بىزارى يوق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
ھەسرەتلىك يىغا؛ نالە - پەرياد، پىغان.
قازاننىڭ ھورى يامان، يېتىمنىڭ زارى (ماقال).
تەلەپ، ئىلتىماس، ئىلتىجا.
ئاڭلىدىم يىغلاڭغۇ غەمكىن ناخشاڭدا، بىز بىلەن بىللە كەت، دېگەن زارىڭ بار.
موھتاج، ھاجەت، تەشنا.
ھۈنەرلىك ئەر خار بولماس، دوست - دۈشمەنگە زار بولماس (ماقال).