Uyghur←Chinese主要词典
زاپوتوسكى
دۇنيا تارىخى
萨波托斯基
sà bō tuō sī jī
(1) لادىسلاۋ زاپتوسكى (1852 - 1916). چېخ ئىشچىلار ھەرىكىتى ئەربابى. تىككۈچى ئائىلىسىدىن چىققان. 1873-يىلى چېخ سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنى قۇرۇشقا قاتناشقان. 1881-يىلى قولغا ئېلىنغان. 1884-يىلى قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن پراگادىن قوغلاپ چىقىرىلغان. كلادنودا ئىنىلابىي پائالىيەتنى داۋاملاشتۇرغان. ئۇنىڭ <ئۆتكەن ئشىلاردىن تەرمىلەر> <چېختىكى دەسلەپكى ئىشچىلار ھەرىكىتى توغرىسىدا ئەسلىمىلەر> دېگەن ئەسەرلىرى بار. (2) ئانتونىن زاپوتسكى (1884 - 1857). چېخوسلوۋاكىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى (1953 - 1957). لادىسلاۋ زاپوتوسكىنىڭ ئوغلى. 1902-يىلى سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىگە كىرگەن. 1907 - 1910-يىلى دېكبار ئومۇمىي ئىش تاشلىشىغا قاتناشقانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان. 1921-يىلى چېخوسلوۋاكىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىنى قۇرۇشقا قاتناشقان ھەمدە مەركىزىي كومىتېتنىڭ سېكرىتارى بولغان. 1925 - يىلى پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلانغان. 1929 - 1939 - يىللىرى قىزىل ئىشچى خىزمەتچىلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ باش سېكرىتارى بولغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە فاشىستلار تۈرمىسى ۋە جازا لاگىرىغا قامالغان. ئازادلىقتىن كېيىن ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى مەركىزىي كومىتىتى مۇدىرىيەتنىڭ رەئىسى بولغان (1945 - 1950). 1948 - يىل 2 - ئايدا گوتتوۋالد بىلەن بىرلىكتە پارتىيە ۋە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ بۇرژۇئازىيەنىڭ سۈيقەستى (فېۋرال ۋەقەسى) نى تارمار قىلغان. 6 - ئايدىن باشلاپ زۇڭلى بولغان. 1953 - يىلى 5 - ئايدىن باشلاپ ۋاپات بولغانغا قەدەر زوڭلى بولغان. ئۇ <قوزغال! يېڭى جەڭچىلەر دەس تۇردى>، <داۋالغۇپ تۇرغان1905 - يىل> ۋە <كلادنوغا قىزىل نۇر چېچىلماقتا> دېگەن رومانلارنى يازغان.