Chinese→Uyghur主要词典
早生植物
بىئولوگىيە
قۇرغاقچىلىققا چىداملىق ئۆسۈملۈكلەر
قۇرغاق مۇھىتتا ياشاپ ئۇزۇن مەزگىللىك سۇ كەمچىللىكىگە بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ئۆسۈملۈكلەر. بۇ خىلدىكى ئۆسۈملۈكلەر قۇملۇق، كىسلاتالىق سازلىق، كۈچلۈك شورلۇق، داڭگاللىق ۋە تاشلىق مۇھىتقا تارقىلىدۇ. ئۇلاردا قۇرغان مۇھىتقا ماسلاشقان مورفولوگىيىلىك تۈزۈلۈش ۋە فىزىئولوگىيىلىك ئالاھىدىلىك بولىدۇ. ئادەتتە ئۆسۈملۈك تۈپى پاكار، يىلتىز سىستېمىسى تەرەققىي قىلغان، يوپۇرمىقى كىچىك ھەم قېلىن، ياكى تۈكلىرى كۆپ، تۈزۈلۈشىدە ئېپىدېرما ھۈجەيرىلىرىنىڭ دىۋارى قېلىنلاشقان، مۈڭگۈزلۈك قەۋىتى تەرەققىي قىلغان، ھەتتا قەۋەت سانى كۆپەيگەن، ھاۋا تۆشۈكى تۆۋەنگە قارىغان ھادىسىلەر بولىدۇ. بەزىلىرىنىڭ يوپۇرمىقى ئۆزگىرىپ سېمىز ھالەتكە كېلىدۇ، ياكى يوپۇرمىقى چېكىنىپ يىڭنىسىمان، پەردىلەشكەن تەڭگىسىمان ھالەتكە ئۆزگىرىدۇ. ھالبۇكى غولى يېشىل سېمىز بولۇپ، نېپىز پوستلۇق ھۈجەيرىلىرى تەرەققىي قىلىدۇ، تەركىبىدە زور مىقداردا سۇ ساقلايدۇ، ھۈجەيرە سۇيۇقلۇقى يۇقىرى ئوسموتىك بېسىمغا ئىگە، پارغا ئايلاندۇرۇشى ئاجىز بولىدۇ؛ ئۇلارنىڭ سۇ ساقلاشچانلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك، سۇ سەرپىياتى ئاز بولغاچقا، قۇرغاقچىلىققا چىداملىق كېلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، قۇرغاقچىلىققا چىداملىق ئۆسۈملۈكلەر زور مىقداردا سۇ يوقىتىپ غول ۋە يوپۇرماقلىرى قورۇلۇپ كەتسىمۇ ھاياتلىق كۈچىنى يوقاتمايدۇ، سۇغا ئېرىشكەن ھامانلا تېزدىن ئەسلى ھالىتىگە كېلىپ داۋاملىق كۆپىيىدۇ. دائىم ئۇچرايدىغان قۇرغاقچىلىققا چىداملىق ئۆسۈملۈكلەردىن كاكتۇس، كۆكمارال، سېمىز ئوت، تالگۈل، ئاگاۋا قاتارلىقلار بار.