Chinese→Uyghur主要词典
藻类植物
بىئولوگىيە
يۈسۈن تۈرىدىكى ئۆسۈملۈكلەر
تېنىدە خلوروپلاست ۋە باشقا فوتوسىنتېز پىگمېنتلىرى بولغان ھەمدە فوتوسىنتېز ئېلىپ بارالايدىغان، ئۆزىدىن ئوزۇقلىنىدىغان تۆۋەن دەرىجىلىك ئۆسۈملۈكلەر. ئۇلارنىڭ ئۆسۈملۈك تېنى يۈسۈن دەپ ئاتىلىدۇ، ھەقىقىي يىلتىز، غول، يوپۇرماقلار بولمايدۇ، كۆپىيىش ئورگىنى يەككە ھۈجەيرىدىن تۈزۈلگەن دەسلەپكى ئۆسۈملۈك تېنىدىن ئىبارەت. ئۇ ۋېگېتاتىۋلىق كۆپىيىش، جىسسىز كۆپىيىش ياكى جىنسلىق كۆپىيىش ئۇسۇلىدا كۆپىيىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە جىنسسىز كۆپىيىشتە ھەرخىل تىپتىكى سپورىلارنى ھاسىل قىلىدۇ، جىنسلىق كۆپىيىشتە ئوخشاش گامېتا، ئوخشىمايدىغان گامېتا ياكى تۇخۇم ئارقىلىق كۆپىيىدۇ. يۈسۈنلەرنىڭ تارقىلىشى ئىنتايىن كەڭ بولۇپ، كۆپ ساندىكى يۈسۈنلەر بېلىق ياكى باشقا سۇدا ياشايدىغان ئىقتىسادىي ھايۋانلارنىڭ يەم - خەشىكى قىلىنىدۇ. بىر قىسىم يۈسۈنلەر (مەسىلەن، لامىنارىيە، پۇرفىرا يۈسۈنى، قارا يۈسۈن) ئوزۇقلۇق، دورا (مەسىلەن، تورۇلغۇ، سارگاسسۇم يۈسۈنى)، سانائەت (مەسىلەن، گېلىدىئۇم يۈسۈنى، گېلىئۇپېلتسىس يۈسۈنى) ۋە يېزا ئىگىلىكى (مەسىلەن، ئازوتنى تۇراقلاشتۇرغۇچى كۆك يۈسۈن) دە ئىشلىتىلىدۇ، يۈسۈنلەر سۇ مۇھىتنى قوغداش، گېئولوگىيىلىك قىدىرىپ تەكشۈرۈش، ئېنېرگىيە مەنبە ئىلمى ھەمدە قانۇن دوختۇرلۇقىدا بەلگىلىك ئەھمىيەتكە ئىقگە. يۈسۈنلەر تەركىبىدىكى پىگېمنتنىڭ تۈرى، زاپاس ساقلىغان ئوزۇقلۇقى، مورفولوگىيىلىك تۈزۈلۈشى، كۆپىيىش ئۇسۇلى ۋە كۆپىيىش ئورگىنىنىڭ تۈزۈلۈشى قاتارلىقلارغا ئاساسەن، <جۇڭگو يۈسۈنلەر قامۇسى> دا 11 تىپقا بۆلۈنىدۇ. يەنى كۆپ يۈسۈنلەر تىپى، قىزىل يۈسۈنلەر تىپى، يوشۇرۇن يۈسۈنلەر تىپى، قاسىراقلىق يۈسۈنلەر تىپى، سېرىق يۈسۈنلەر تىپى، ئالتۇن رەڭ يۈسۈنلەر تىپى، كرېمنىيلىق يۈسۈنلەر تىپى، قوڭۇر رەڭ يۈسۈنلەر تىپى، يالىڭاچ يۈسۈنلەر تىپى، يېشىل يۈسۈنلەر تىپى ۋە ھالقىسىمان يۈسۈنلەر تىپى قاتارلىقلار.
ئورمانچىلىق
zǎo lèi zhí wù
يۇسۇنلەر،لەشلەر، يۇسۇن ئۆسۈملۈكلەر