Uyghur←Chinese主要词典
زامورا
دۇنيا تارىخى
萨莫拉
sà mò lā
(1877 - 1949) ئىسپانىيە زۇڭتۇڭى (1931 - 1936). قانۇن ئوقۇغان. 1903-يىلى مادرىد داشۆسىنىڭ قانۇنشۇناسلىق پروفېسسورى بولغان. 1905-ىلى پارلامېنت ئەزاسى بولغان. 1917 - 1923-يىللىرى بىناكارلىق قۇرۇلۇش مىنىستىرى، ھەربىي ئىشلار مىنىستىرى بولغان. رىۋېرا مۇستەبىتلىكىگە ۋە كورۇل ئالفونسو ⅩⅢ نىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرغان. 1930-يىلى قاماققا ئېلىنغان. قويۇپ بېرىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى بولغان. 1931-يىلدىن باشلاپ جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتىنىڭ تۇنجى زۇڭتۇڭى بولغان. كاتولىك مۇتەئەسسىپلىرى ۋە ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيىنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلغان. كېيىن ۋولچىلارنىڭ بېسىمى ئاستىدا، مۇددىتى توشمايلا خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ فرانسىيىگە كەتكەن، كېيىن ئارگىنتىناغا بارغان. ئۇنىڭ <1931-يىلدىكى ئاساسىي قانۇننىڭ كەمچىلىكى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
萨莫拉
sà mò lā