Uyghur←Chinese主要词典
زامان ساڭا باقمسا، سەن زامانغا باق
تۇراقلىق ئىبارىلەر
人要审时度势
rén yào shěn shí duó shì
بۇ، كۆپ ھاللاردا ۋەزىيەت، شارائىت كىشىلەرنىڭ ئىرادە - ئارزۇسىغا باقمايدىغانلىقىنى، شۇڭا ئارامخۇدا كۈن ئۆتكۈزمەكچى بولغان ئادەم ۋەزىيەت، شارائىتقا ماسلىشىش لازىملىقىنى بىلدۈرىدۇ: سوراقتا ئۇيقۇسىز تۇردۇم كېچىلەپ، دېدىكى: «بەرىبىر قالالمايسەن ساق. ئېسىڭنى تاپ، زامان ساڭا باقمىسا، ئىتائەت قىلغىنكى، سەن زامانغا باق. ئېگىلگەن باشنى ھېچ كەسمەس قىلىچ، بۇ ئۆچمەس ھېكمەت ئىشەن، سال قۇلاق».