Uyghur主要词典
زاما جېڭى
دۇنيا تارىخى
ئىككىنچى قېتىملىق پئېنى ئۇرۇشىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى جېڭى. مىلادىدىن 204 يىل ئىلگىرى، رىم دىكتاتورى چوڭ سىپىئو ئافرىكانۇس تەخمىنەن 30 مىڭ كىشىلىك قوشۇننى باشلاپ، ئوستىكاغا يېقىن جايدىن ئافرىقا قۇرۇقلۇقىغا چىققان. كارفاگىن سناتى گاننىبالنى ئىتاليىدىن قوشۇنلارنى تېز قايتۇرۇپ ياردەم قىلىشقا چاقىرتقان. مىلادىدىن 202 يىل ئىلگىرى، كارفاگىن شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىكى زاما دېگەن جايدا ھەل قىلغۇچ جەڭ بولغان، رىم قوشۇنلىرى نۇمىدىيە سەركەردىسى ماسىنىسانىڭ ئاتلىق قوشۇنىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىپ، ئاخىر گاننىبالنى مەغلۇپ قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئىككىنچى قېتىملىق پوئېنى ئۇرۇشى ئاياغلىشىپ، ئىككىنچى يىلى ئىككى تەرەپ سۈلھ تۈزۈشكەن.